« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

15

خۇدانىڭ ئىبرام بىلەن ئەھدە تۈزۈشى

1بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئىبرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا:

_ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولۇپ، ناھايىتى زور ئىنئام بېرىمەن، _ دېدى.

2لېكىن، ئىبرام:

_ ئى ئىگەم خۇدا، مېنىڭ پەرزەنتىم بولمىسا، سېنىڭ بەرمەكچى بولغان ئىنئامىڭنىڭ پايدىسى نېمە؟ مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇم _ دەمەشقتىن كەلگەن چاكىرىم ئەلىئەزەر بولىدۇ. 3سەن ماڭا پەرزەنت بەرمىدىڭ، شۇڭا مېنىڭ تەئەللۇقاتىمغا چاكىرىم مىراسخور بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

4ئارقىدىنلا، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە يەنە: «چاكىرىڭ ئېلىيەزەر سېنىڭ مىراسخورۇڭ بولمايدۇ، پەقەت ئۆزۈڭدىن بولغان ئوغۇللا مىراسخورۇڭ بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.

5شۇندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئاسمانغا قاراپ، يۇلتۇزلارنى سانىيالايدىغان بولساڭ ساناپ باق، سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئەنە شۇ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ! _ دېدى.

6ئىبرام پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم، دەپ ھېسابلىدى.

7پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە:

_ سېنى بۇ زېمىنغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، سېنى كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار مەن بولىمەن، _ دېدى.

8لېكىن، ئىبرام:

_ ئى ئىگەم خۇدا، مەن بۇ زېمىنغا جەزمەن ئىگە بولىدىغانلىقىمنى نېمىدىن بىلىمەن؟ _ دەپ سورىدى.

9پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن ئۈچ ياشلىق كالا، ئۆچكە، قوچقاردىن ھەم پاختەك ۋە ياش كەپتەردىن بىردىن ئېلىپ، مېنىڭ ئالدىمغا كەلگىن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

10ئىبرام بۇ ھايۋانلارنى خۇدانىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، قۇشلاردىن باشقىسىنىڭ قارنىنى يېرىپ ئىككى پارچە قىلدى. گۆشلەرنى ئىككى تەرەپكە قاتار قىلىپ تىزدى. 11قۇزغۇنلار ئۇچۇشۇپ كېلىپ، گۆشلەرگە قونغاندا، ئىبرام ئۇلارنى قوغلىۋەتتى. 12كۈن پاتقاندا، ئىبرام ئۇيقۇغا كەتتى. چۈشىدە ئۇنى قورقۇنچلۇق قاراڭغۇلۇق باستى. 13پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ باشقا بىر دۆلەتتە مۇساپىر بولىدۇ. شۇ دۆلەتتىكى كىشىلەرگە قۇل بولۇپ، تۆت يۈز يىل ئۇلار تەرىپىدىن ئازاب چېكىدۇ. 14لېكىن، مەن ئۇلارنى قۇل قىلغۇچى خەلقنى چوقۇم جازالايمەن. ئۇلار ئۇ دۆلەتتىن قايتقىنىدا، نۇرغۇن بايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. 15سەن بولساڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ئەجدادلىرىڭنىڭ قېشىغا كېتىسەن. 16سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بۇ يەرگە قايتىپ كەلگۈچە، ئۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ئۆتۈپ كېتىدۇ. چۈنكى، بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئامورلارنىڭ گۇناھى چېكىگە يەتمىگۈچە، ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلمايمەن.

17كۈن پېتىپ قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن، ئىس چىقىپ تۇرغان ئوچاق ۋە يېنىپ تۇرغان مەشئەل تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، ھېلىقى ئىككى قاتار گۆشنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى. 18-19مانا شۇ چاغدا، پەرۋەردىگار ئىبرام بىلەن ئەھدە تۈزۈپ مۇنداق دېدى:

_ مەن مىسىر چېگرىسىدىن تاكى فىرات دەرياسىغىچە سوزۇلغان بۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. بۇ زېمىن قېنلار، قېنازلار، كادمونلار، 20خىتلار، پەرىززىلەر، رافاھلار، 21ئامورلار، كەنئانلار، گىرگاشلار ۋە يىبۇسلار دەپ تونۇلغان خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى