« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

10

نۇھنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرى

1نۇھنىڭ ئوغۇللىرى سام، ھام، ياپەتلەرنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: توپاندىن كېيىن، ئۇ ئۈچەيلەندىن پەرزەنتلەر* تۆرەلدى.

2ياپەتنىڭ ئوغۇللىرى: گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراسلار ئىدى.

3گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىنازلار، رىفاتلار ۋە توگارماھلار ئىدى.

4ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئەلىشا، تارشىش، كىتتىم، رودانىم خەلقلىرى ئىدى. 5ئۇلار دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئاراللاردا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولدى. ياپەتنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆز قەبىلىلىرى ۋە دۆلەتلىرى ئىچىدە ياشاپ، ئۆز تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەردىن بولۇپ قالدى.

6ھامنىڭ ئوغۇللىرى: كۇش، مىسىر، لىۋىيە ۋە كەنئانلار ئىدى.

7كۇشنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا: سىبالار، ھاۋىلاھلار، سابىتالار، رائامىلار ۋە سەبىتىكاھلار ئىدى.

رائامىنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا: شىبالار ۋە دېدانلار ئىدى.

8كۇشنىڭ نىمرود ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ يەر-يۈزىدىكى ئەڭ كۈچلۈك باتۇرغا ئايلاندى. 9ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا باتۇر ئوۋچى بولغانىدى. شۇڭا، كىشىلەر ئارىسىدا «پەرۋەردىگار سېنى نىمرودتەك باتۇر ئوۋچى قىلسۇن!» دېگەن سۆز تارقالغانىدى. 10دەسلەپتە، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى بابىل، ئەرەك، ئاككاد، كالنېھ دېگەن شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ تۆت شەھەر بابىل زېمىنىدا ئىدى. 11-12ئۇ بۇ يەردىن ئاسسۇر رايونىغا كېڭىيىپ، نىنەۋى، رىھۇبوت-ئىر، كالاخ ۋە رەسەن دېگەن شەھەرلەرنى بىنا قىلدى. رەسەن شەھىرى نىنەۋى بىلەن كالاخ شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇ كاتتا شەھەر ئىدى.

13مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى: لۇدلار، ئانامىلار، لېھابىيلار، نافتۇھىيلار، 14پاترۇسلار، كاسلۇھىيلار ۋە كرىتلار ئىدى. فىلىستىيەلىكلەر بولسا، كاسلۇھىيلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىدى.

15كەنئاننىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى سىدون ئىدى، يەنە بىر ئوغلىنىڭ ئىسمى خىت ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ھەر مىللەتلەرنىڭ ئىسىملىرىغا ئايلىنىپ، ئۇلار شۇ مىللەتلەرنىڭ بوۋىلىرى بولدى. 16كەنئان يەنە يىبۇسلار، ئامورلار، گىرگاشلار، 17خىۋلار، ئارقىلار، سىندىيلار، 18ئارۋادىيلار، سىمارىيلار ۋە ھاماتىيلارنىڭ بوۋىسى بولدى.

كېيىن، كەنئانلىقلارنىڭ قەبىلىلىرى ناھايىتى كەڭ تارقالدى. 19ئۇلارنىڭ زېمىن چېگرىسى سىدوننىڭ جەنۇبىدىن گىرارنىڭ يېنىدىكى گازا شەھىرىگىچە، شەرقتە سودوم، گومورا، ئادماھ ۋە سىبوئىمنىڭ يېنىدىكى لاشا شەھىرىگىچە باراتتى. 20ھامنىڭ بۇ ئەۋلادلىرى ھەرقايسىسى ئۆز قەبىلىلىرى ۋە دۆلەتلىرى ئىچىدە ياشاپ، ئۆز تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەردىن بولۇپ قالدى.

21سام ياپەتنىڭ ئاكىسى بولۇپ، ئۇ ئېبەرلەرنىڭ ئاتىسى بولدى. 22سامنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاسسۇر، ئارپاكشاد، لود ۋە ئاررام ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ھەر مىللەتلەرنىڭ ئىسىملىرىغا ئايلىنىپ، ئۇلار شۇ مىللەتلەرنىڭ بوۋىلىرى بولدى.

23ئاررامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇزلار، ھۇللار، گەتەرلەر ۋە ماشلار ئىدى.

24ئارپاكشاد شەلاخنىڭ ئاتىسى، شەلاخ بولسا ئېبەرنىڭ ئاتىسى ئىدى.

25ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ [ئاھاڭ جەھەتتە «بۆلۈنۈش»] ئىدى، چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋردە ئىنسانلار بۆلۈنۈشكە باشلىدى. يەنە بىرىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى.

26يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئالمودادلار، شەلەپلەر، خازارماۋىتلار، يەراھلار، 27ھادوراملار، ئۇزاللار، دىكلاھلار، 28ئوبالىيلار، ئابىمائېللار، شىبالار، 29ئوفىرلار، ھاۋىلاھلار ۋە يوبابلار ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، 30ئۇلار مېشادىن سەففارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغقىچە بولغان جايلاردا ياشايتتى.

31سامنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەۋلادلىرى، ھەرقايسىسى ئۆز قەبىلىلىرى ۋە دۆلەتلىرى ئىچىدە ياشاپ، ئۆز تىللىرىدا سۆزل ىشىدىغان مىللەتلەردىن بولۇپ قالدى.

32يۇقىرىدىكىلەر نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. بۇلار ئۆز زېمىنىدىكى ھەربىر قەبىلىلەر بويىچە خاتىرىلەنگەن. توپاندىن كېيىن، دۇنيادىكى پۈتۈن مىللەتلەر نۇھنىڭ ئوغۇللىرىدىن تارقالدى.



*1نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ھەر مىللەتنىڭ ئىسىملىرىغا ئايلىنىپ، ئۇلار شۇ مىللەتنىڭ بوۋىسى بولدى. ئۇلار تۇرغان يەرلەرمۇ شۇلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى