قۇربان ھېيت ھەققىدە

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 22- باب

1بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىنى سىناپ، ئۇنى:

_ ئىبراھىم! _ دەپ چاقىردى.

ئىبراھىم:

_ لەببەي! _ دېدى.

2خۇدا ئۇنىڭغا:

_ سەن ئوغلۇڭنى، يەنى ئامراق يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا رايونىغا بېرىپ، مەن كۆرسىتىدىغان تاغنىڭ ئۈستىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ماڭا ئاتىغىن، _ دېدى.

3ئەتىسى سەھەردە، ئىبراھىم ئېشەكنى ئېگەرلەپ، ئىسھاق بىلەن ئىككى چاكىرىنى ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىدىغان ئوتۇنلارنى تەييارلاپ، خۇدا كۆرسەتكەن جايغا قاراپ ماڭدى. 4ئۈچىنچى كۈنى، ئىبراھىم ئۇ يەرنى يىراقتىن كۆردى 5ۋە چاكارلىرىغا:

_ سىلەر ئېشەك بىلەن بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار. بالام ئىككىمىز ئۇ يەرگە بېرىپ، ئىبادەت قىلىپ كېلەيلى، _ دېدى.

6ئىبراھىم ئىسھاققا ئوتۇنلارنى كۆتۈرتۈپ، ئۆزى قولىغا پىچاق بىلەن ئوت ئېلىپ، ئىسھاق بىلەن يۈرۈپ كەتتى. 7ئىسھاق:

_ ئاتا، _ دەپ چاقىردى.

ئىبراھىم:

_ ھە، ئوغلۇم؟ _ دېدى.

_ ئوت بىلەن ئوتۇن بار، لېكىن كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىلىدىغان قوزا قېنى؟ _ دەپ سورىدى ئىسھاق.

8ئىبراھىم ئۇنىڭغا:

_ ئەي ئوغلۇم! قۇربانلىق قىلىدىغان قوزىنى خۇدا ئۆزى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئىككىيلەن توختىماي مېڭىۋەردى.

9ئۇلار خۇدا ئىبراھىمغا كۆرسەتكەن جايغا كەلگەندە، ئىبراھىم قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئوتۇنلارنى ئۈستىگە قويۇپ، ئۆز ئوغلىنى باغلاپ، ئوتۇن دۆۋىلەنگەن سۇپىغا ياتقۇزدى. 10ئاندىن، ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن پىچاقنى كۆتۈردى. 11بىراق، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئەرشتىن:

_ ئىبراھىم! ئىبراھىم! _ دەپ، ۋاقىرىدى.

_ لەببەي! _ دېدى ئۇ.

12پەرىشتە ئۇنىڭغا:

_ قولۇڭنى تارت! بالىغا چېقىلما! سېنىڭ ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىكىڭنى ئەمدى كۆردۈم. چۈنكى، سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى بىر تال ئوغلۇڭنىمۇ مەندىن ئايىمىدىڭ، _ دېدى.

13ئىبراھىم ئەتراپىغا قارىۋىدى، مۈڭگۈزى چاتقالغا ئېلىشىپ قالغان بىر قوچقار ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقتى. ئۇ بېرىپ قوچقارنى يېشىپ، ئۇنى ئۆز ئوغلىنىڭ ئورنىدا قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈۋەتتى.

14شۇڭا، ئىبراھىم ئۇ يەرنى ياھۋە-يىرەھ [مەنىسى «پەرۋەردىگار تەمىنلەيدۇ»] دەپ ئاتىدى. ھازىرغا قەدەر كىشىلەر «پەرۋەردىگار ئۆز تېغىدا تەمىنلەيدۇ» دېيىشىدۇ.

15پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككىنچى قېتىم ئاسماندىن ئىبراھىمغا:

16_ پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «سەن سۆيۈملۈك بىر تال ئوغلۇڭنى ئايىمىغانىكەنسەن، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، 17ساڭا بەخت ئاتا قىلىش بىلەن، نۇرغۇن ئەۋلادلارنى بېرىمەن. ئۇلارنىڭ سانى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىللىرىدىكى قۇمدەك كۆپ بولىدۇ. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ دۈشمەن شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىدۇ. 18مېنىڭ ئەمرىمگە ئىتائەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر بەختكە ئېرىشىدۇ» _ دېدى. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 1- باب

11پەرۋەردىگار دەيدۇكى:

«نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى بار؟

قوچقارلار ۋە سەمرىتىلگەن كالىلارنىڭ ياغلىرىدىن قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن تويۇپ كەتتىم.

مەن بۇقىنىڭ، پاقلاننىڭ ۋە ياكى ئۆچكىنىڭ قانلىرىدىن خۇرسەن ئەمەسمەن. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 53- باب

10ھالبۇكى ئۇنىڭ ئېزىلىشى، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى

پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى،

ئۇنىڭ ھاياتى ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغاندىن كېيىن،

ئۇ ئۆز ئەۋلادلىرىنى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ،

پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئاشۇ خىزمەتكارى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

11ئۇ ھامان ئۆزى چەككەن جەبىر-جاپالارنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ.

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مېنىڭ ھەققانىي خىزمەتكارىمنىڭ چەككەن جەبىر-جاپالىرى ئارقىلىق

نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ‹ھەققانىي ئادەم› دەپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇ ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى