« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

16

ئىسمائىلنىڭ تۇغۇلۇشى

1ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھ تۇغماس ئىدى، بىراق ئۇنىڭ ھەجەر ئىسىملىك مىسىرلىق بىر دېدىكى بار ئىدى. 2ساراھ ئىبرامغا:

_ پەرۋەردىگار مېنى تۇغماس يارىتىپتۇ، ئەمدى سىز مېنىڭ دېدىكىم بىلەن بىر ياستۇققا باش قويۇڭ! بەلكىم ئۇ ماڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرەر، _ دېدى.

ئىبرام ساراھنىڭ بۇ سۆزىگە قوشۇلدى. 3شۇنىڭ بىلەن، ساراھ ھەجەرنى ئىبرامغا كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. (بۇ ۋەقە ئىبرام كەنئاندا ئون يىل تۇرغاندا يۈز بەردى.) 4ئىبرام ھەجەر بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن، ھەجەر ھامىلىدار بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى سېزىپ مەغرۇرلىنىپ، ساراھنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالدى.

5ساراھ ئىبرامغا قېيىداپ:

_ ھەممىنى قىلغان سەن! مەن ھەجەرنى ساڭا قوشۇپ قويغان. ئەمدىلىكتە، ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدارلىقىنى بىلىپلا، مېنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇۋالدى. سېنىڭ ياكى مېنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە پەرۋەردىگار ئۆزى ھۆكۈم قىلسۇن، _ دېدى.

6ئىبرام:

_ ئۇ سېنىڭ دېدىكىڭ، ئۇ سېنىڭ ئىلكىڭدە. ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش سېنىڭ ئىختىيارىڭ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

بۇنىڭ بىلەن، ساراھ ھەجەرنى بوزەك قىلدى، شۇڭا ھەجەر ئىبرامنىڭ ئۆيىدىن قېچىپ كەتتى.

7پەرىشتىنىڭ سۈرىتىدە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگار* ھەجەرنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا كۆردى. بۇلاق شۇر دېگەن يەرگە بارىدىغان يولنىڭ بويىدا ئىدى. 8پەرىشتە ئۇنىڭدىن:

_ ئەي ساراھنىڭ دېدىكى ھەجەر، سەن قەيەردىن كەلدىڭ؟ نەگە كېتىۋاتىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

_ مەن ئايال خوجايىنىم ساراھنىڭ يېنىدىن قېچىپ چىقتىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەجەر.

9پەرىشتە ئۇنىڭغا:

_ سەن ئايال خوجايىنىڭنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا بويسۇنغىن، _ دېدى.

10پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى:

_ مەن سېنىڭ ئەۋلادىڭنى شۇنداق كۆپەيتىمەنكى، ئۇلارنى ھېچكىم سانىيالمايدىغان قىلىمەن. 11سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئىسمىنى ئىسمائىل [مەنىسى «ئاڭلىغۇچى خۇدا»] قويغىن، چۈنكى سېنىڭ داد-پەريادىڭ پەرۋەردىگارغا يەتتى. 12سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ مىجەزى بىر ياۋا ئېشەككە ئوخشايدۇ. ھەممە يەرگە بېرىپ، كىشىلەر بىلەن جېدەل چىقىرىدۇ. كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇ تۇغقانلىرىغا ئۆچمەنلىك قىلىپ ياشايدۇ.

13ھەجەر ئۆز-ئۆزىگە: «مەن راستتىنلا ماڭا غەمخورلۇق قىلغان خۇدانى كۆردۈم!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرۋەردىگارنى «ئېل-روئا»، [مەنىسى «مېنى كۆرگۈچى خۇدا»] دەپ ئاتىدى. 14شۇڭا، كىشىلەر ئۇ بۇلاققا بېئېر-لاھايروي [مەنىسى «مېنى كۆرگۈچى خۇدانىڭ بۇلىقى»] دەپ نام قويدى. بۇ بۇلاق ھازىرمۇ كادېش بىلەن بەرەد شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر.

15ھەجەر ئىبرامغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئىبرام ئۇنىڭغا ئىسمائىل دەپ ئات قويدى. 16ئۇ چاغدا، ئىبرام سەكسەن ئالتە ياشتا ئىدى.



*7سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» بولۇپ، تەۋراتتا بۇ كۆپ ۋاقىتلاردا پەرىشتە قىياپىتىدە كۆرۈلگەن خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى