« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

35

خۇدانىڭ بەيتەلدە ياقۇپقا بەخت ئاتا قىلىشى

1خۇدا ياقۇپقا:

_ سەن ئاكاڭ ئەساۋدىن قېچىپ ھارانغا ماڭغىنىڭدا، بەيتەل شەھىرىدە ساڭا كۆرۈنگەن خۇدا مەن بولىمەن. سەن ئەمدى بەيتەلگە بېرىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قال ۋە مەن ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسا، _ دېدى.

2بۇ چاغدا، ياقۇپ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقانلارغا:

_ سىلەر بۇتلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ پاكىز كىيىملەرنى كىيىڭلار. 3بىز بۇ يەردىن ئايرىلىپ، بەيتەل شەھىرىگە بارىمىز. مەن ئۇ يەردە خۇداغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىماقچىمەن. چۈنكى، مەن قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن ۋاقتىمدا، خۇدا ماڭا ياردەم قىلىپ، ماڭا يار بولغانىدى، _ دېدى.

4بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار پۈتۈن بۇتلىرىنى ۋە قۇلىقىدىكى ھالقىلارنى ياقۇپقا تاپشۇردى. ياقۇپ بۇ نەرسىلەرنى شەكەم شەھىرىگە يېقىن جايدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويدى.

5ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى يولغا چىققان ۋاقىتتا، خۇدا ئەتراپتىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىگە قورقۇنچ سېلىپ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويدى. 6ياقۇپ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كەنئان رايونىنىڭ لۇز دېگەن يېرىگە، يەنى ھازىر بەيتەل دەپ ئاتىلىدىغان جايغا يېتىپ كەلدى. 7ياقۇپ ئۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇ يەرنى ئەل-بەيتەل [مەنىسى «بەيتەلدىكى خۇدا»] دەپ ئاتىدى. چۈنكى، ئۇ ئاكىسىدىن قېچىپ ھارانغا ماڭغاندا، خۇدا ئۇ يەردە ئۇنىڭغا كۆرۈنگەنىدى.

8بەيتەلگە كەلگەندىن كېيىن، رىبەقانىڭ ئىنىكئانىسى دىبورا ۋاپات بولدى. ئۇ بەيتەلنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ بىر دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىندى. ئۇ دەرەخ ئاللون-باقۇت [مەنىسى «كۆز يېشى دەرىخى»] دەپ ئاتالدى.

خۇدانىڭ ياقۇپنىڭ ئىسمىنى تەكرارلىشى

9ياقۇپ پاددان-ئاررام رايونىدىن بەيتەلگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭغا يەنە كۆرۈنۈپ، بەخت ئاتا قىلىپ:

10_ بۇنىڭدىن كېيىن ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل ئاتىلىسەن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسرائىلغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى تەكرارلىدى. 11خۇدا ئۇنىڭغا:

_ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن نۇرغۇن ئەۋلاد تېپىپ كۆپەيگىن. نۇرغۇن خەلقلەر سېنىڭ نەسلىڭدىن بارلىققا كېلىدۇ. سەن نۇرغۇن پادىشاھلارنىڭ بوۋىسى بولىسەن. 12مەن ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا ۋەدە قىلىپ بەرمەكچى بولغان زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغىمۇ تەقدىم قىلىمەن، _ دېدى.

13خۇدا بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپ، ياقۇپ بىلەن سۆزلەشكەن يەردىن ئايرىلدى. 14ياقۇپ خۇدا ئۆزىگە سۆزلىگەن جايدا بىر خاتىرە تاش تىكلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇداغا ئاتاپ شاراب ۋە ياغ تۆكتى. 15ئۇ خۇدا ئۆزىگە كۆرۈنگەن بۇ جاينى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى.

راھىلەنىڭ تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىشى

16ياقۇپ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بەيتەلدىن يولغا چىقىپ، ئەفراتا شەھىرىگە ئاز قالغاندا، راھىلەنىڭ تولغىقى تۇتۇپ، تۇغۇتى قىيىن بولدى. 17تولغاق چىدىغۇسىز قاتتىق كەلگەندە، تۇغۇت ئانىسى ئۇنىڭغا:

_ قورقما، يەنە بىر ئوغۇل تۇغىسەن، _ دېدى.

18ئۇنىڭ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ، نەپىسى توختاي دېگەندە، بالىسىغا بىنئونى [مەنىسى «قايغۇلۇق ئوغلۇم»] دەپ ئىسىم قويدى. بالىنىڭ دادىسى بولسا ئۇنىڭغا بىنيامىن [مەنىسى «ئامەتلىك بالا»] دەپ ئىسىم قويدى.

19راھىلە ۋاپات بولۇپ، ئەفراتاغا، يەنى ھازىر «بەيتلەھەم» دەپ ئاتىلىدىغان شەھەرگە ماڭىدىغان يولنىڭ بويىغا دەپنە قىلىندى. 20ياقۇپ راھىلەنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە بىر تاش ئابىدە قويغانىدى. بۇ تاش ھازىرغىچە بار. 21ئاندىن، ئىسرائىل [ياقۇپ] ئۆز سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مىگدال-ئېدىر دېگەن يەردىن ئۆتۈپ چېدىرىنى تىكتى.

ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى

22ئىسرائىل ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا يېتىپ، زىنا قىلدى. ئىسرائىل بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى.

ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بولۇپ، 23لېياھتىن تۇغۇلغانلىرى: تۇنجى ئوغلى رۇبېن، ئاندىن شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇنلاردۇر. 24راھىلەدىن تۇغۇلغانلىرى: يۈسۈپ ۋە بىنيامىندۇر. 25راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھاھتىن تۇغۇلغانلىرى: دان ۋە نافتالىدۇر. 26لېياھنىڭ دېدىكى زىلپادىن تۇغۇلغانلىرى بولسا: گاد ۋە ئاشېردۇر. بۇ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى پاددان-ئاررامدا تۇغۇلغانىدى.

ئىسھاقنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى

27ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ يېنىغا، يەنى مامرە دېگەن يەرگە كەلدى. مامرە بولسا قىريات-ئاربا، يەنى ھىبروننىڭ يېنىدا بولۇپ، بۇ دەل ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق تۇرغان جاي ئىدى. 28ئىسھاق يۈز سەكسەن ياش ئۆمۈر كۆردى. 29ئۇ ئۇزۇن ياشاپ، ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇنى ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ دەپنە قىلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى