« زەبۇر »

89

ئەزراخنىڭ ئوغلى ئېتان يازغان تەربىيەۋى مۇناجات

1پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى ئەبەدىي كۈيلەيمەن،

ساداقىتىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە بايان ئەيلەيمەن.

2جاكارلايمەنكى مۇھەببىتىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس،

ساداقىتىڭ ئەرشئەلادەك مەزمۇت، تەۋرەنمەس.

3رەببىم، سەن دېدىڭكى:

«تاللىۋالغان بەندەم بىلەن ئەھدە قىلدىم،

قۇلۇم بولغان داۋۇتقا قەسەم قىلدىم.

4سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئەبەدىي خانىدانلىققا ئىگە قىلىمەن،

نەسلىڭنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.» سېلاھ

5ئى ئىگەم، ئەرشئەلادا مۆجىزىلىرىڭ تەبرىكلىنەر،

ساداقىتىڭ پەرىشتىلەر ئارىسىدا مەدھىيەلىنەر.

6بۈيۈكلۈكتە ساڭا تەڭداش بىرى يوقتۇر،

ئەرشئەلادا ھېچكىم ساڭا ئوخشىماستۇر.

7خۇدانىڭ ھەيۋىسىدىن پەرىشتىلەر تىترەپ تۇرار،

ئەتراپىدا ھەممەيلەن قورقۇپ تۇرار.

8ئى خۇدا _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار،*

ساڭا ئوخشاش قۇدرەت ئىگىسىدىن يەنە كىم بار؟

ئەتراپىڭنى ساداقەتلىك ئوراپ تۇرار.

9دېڭىز قانچە مەغرۇر بولسۇن سەن ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانسەن،

ئۆركەشلىسە دولقۇن ياساپ ئۇنى بېسىپ تىنچلاندۇرىسەن.

10دېڭىزدىكى راخابنى* سەن بەربات قىلدىڭ،

قۇدرىتىڭدە دۈشمىنىڭنى بىتچىت قىلدىڭ.

11ئاسمان، زېمىن _ پۈتۈن جاھان سېنىڭكىدۇر،

ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە پەقەت سېنىڭ ئىجادىڭدۇر.

12ياراتقانسەن شىمال، جەنۇب ۋە ئۇلاردىكى ھەممىنى،

شادلىقتا نامىڭنى كۈيلەر تابور، خەرمون چوققىلىرى.

13بىلىكىڭ قۇدرەتلىك، قولۇڭ كۈچلۈكتۇر،

ئۈستۈن كۆتۈرۈلگەن ئوڭ قولۇڭ غالىبتۇر.

14تەختىڭنىڭ ئۇلى بولسا ھەققانىيلىق، ئادالەتتۇر،

مۇھەببەت ۋە ساداقەتلىك ھۆكۈمرانلىقىڭنىڭ ھەمراھىدۇر.

15تەنتەنە، ئالقىشلارنى قىلغان خەلق بەختلىك ھېسابلىنار،

ياشار ئۇلار ھۇزۇرۇڭنىڭ نۇرىدا ئى پەرۋەردىگار.

16نامىڭ بىلەن ئۇلار دائىم شاد بولار،

ئادالىتىڭدىن سۆيۈنۈپ تەنتەنە قىلار.

17ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋەت، شان-شەرىپى سەندىن كېلەر،

شاپائىتىڭ بولغاچ ئۇلار دائىم غەلىبە قىلار.

18بەرھەق، بىزنىڭ پادىشاھىمىز مەنسۇپتۇر پەرۋەردىگارغا،

تەۋەدۇر ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا.

19بىر ۋەھىيىڭدە مۇنداق دېگەنىدىڭ سادىق ئۆز بەندەڭگە:

«مەن بىر ئەزىمەتكە ياردىمىمنى يەتكۈزدۈم،

ئەل ئارىسىدىن ئۇنى تاللاپ، كۆتۈردۈم.

20دېمەك، قۇلۇم داۋۇتنى تاپتىم،

مۇقەددەس مېيىمنى سۈركەپ بېشىغا،

ئۇنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىم.

21قولۇم ئۇنىڭغا يۆلەك بولار،

بىلىكىم ئۇنى كۈچكە تولدۇرار.

22دۈشمەنلىرى ئۇنى پەقەت يېڭەلمەس،

پەسكەشلەرمۇ ئۇنى قىستاپ ئېزەلمەس.

23رەقىبلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىدا ۋەيران قىلىمەن،

ئۆچمەنلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن.

24ساداقىتىم، مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا يار بولار،

مېنىڭ نامىم بىلەن ئۇ زەپەر قۇچار.

25مەن ئۇنى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇزارمەن دېڭىزغا،*

ھوقۇقىنى يۈرگۈزەرمەن ھەم دەريالارغا.

26ئۇ ماڭا نىدا قىلىپ دېدىكى:

‹سەن مېنىڭ ئاتام، خۇدايىمدۇرسەن،

نىجاتكارىم، قورام تېشىمدۇرسەن.›

27مەن ئۇنى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم قىلىمەن،

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ پادىشاھ قىلىپ تىكلەيمەن.

28مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا ئەبەدىيدۇر،

قىلغان ئەھدەم مەڭگۈگە بۇزۇلماستۇر.

29ئەۋلادلىرىنى ئەبەدىي خانىدانلىققا ئىگە قىلىمەن،

تەختىنى ئۇنىڭ ئاسمان كەبى داۋام قىلدۇرىمەن.

30مۇبادا ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تەلىملىرىمدىن چىقىپ كەتسە،

ھۆكۈملىرىم بويىچە ئىش كۆرمىسە.

31ئۇلار پەرمانلىرىمنى بۇزسا،

ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىسا،

32ئۇندا مەن ئىتائەتسىزلىكلىرىنى تاياق بىلەن،

گۇناھلىرىنى يارا-جاراھەت بىلەن جازالايمەن.

33لېكىن مۇھەببىتىمنى داۋۇتتىن ئۈزمەيمەن،

ياكى ۋەدەمگە خىيانەت قىلمايمەن.

34تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلا بۇزمايمەن،

ۋەدەمدىن پەقەت قايتمايمەن.

35مەن مۇقەددەس نامىمدا قەسەم ئىچكەنمەن،

داۋۇتقا ئېيتقان سۆزۈمدىن يانمايمەن.

36ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئەبەدىي داۋاملىشار،

ئۇنىڭ تەختى قۇياش كەبى پارلاپ تۇرار.

37ئۇ ئاسماندىكى سادىق گۇۋاھچى ئاي كەبى

مۇستەھكەم، مەزمۇت تۇرار ئەبەدىي.» سېلاھ

38بىراق ھازىر سەن ئۇنى رەت قىلىپ تاشلىۋەتتىڭ،

ئۆزۈڭ تاللاپ بېكىتكەن پادىشاھقا غەزەپلەندىڭ.

39ئىنكار قىلدىڭ قۇلۇڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى،

تاشلىۋەتتىڭ ئۇنىڭ تاج-تەخت _ ھوقۇقىنى.

40ۋەيران قىلدىڭ ئۇنىڭ بارلىق قورغانلىرىنى،

خارابە قىلدىڭ شەھەر-قەلئەلىرىنى.

41يولدىن ئۆتۈۋاتقانلار بۇلىماقتا شەھىرىنى،

ئۇ قوشنا ئەللەر ئالدىدا رەسۋا بولدى.

42غەلىبە قىلدۇردۇڭ ئۇنىڭ رەقىبلىرىنى،

خۇشال قىلدىڭ پۈتكۈل دۈشمەنلىرىنى.

43قايتۇردۇڭ ئۇنىڭ قىلىچىنىڭ بىسىنى،

جەڭلەردە مەغلۇپ قىلدىڭ ئۇنى.

44يەرگە ئۇردۇڭ ئۇنىڭ ھەيۋىتىنى،

كۈلدەك توزۇتتۇڭ تەختىنى.

45خىجالەتكە چۆمدۈرۈپ

قىسقارتتىڭ ياشلىقىنى. سېلاھ

46ئى پەرۋەردىگار،

قاچانغىچە ئۆزۈڭنى مەندىن قاچۇرىسەن؟

قەھر-غەزەپ ئوتۇڭنى قاچانغىچە كۆيدۈرىسەن؟

47ئەستە تۇتقىن ئى خۇدا، ئۆمرۈمنىڭ قىسقىلىقىنى،

نېمىدېگەن بىھۇدىلىكتۇر ئىنساننىڭ ھاياتى.

48قايسى ئىنسان ياشاپ ئۆلۈم كۆرمەيدىكەن؟

گۆردىن ئۆز جېنىنى ئامان ساقلاپ قالىدىكەن؟ سېلاھ

49ئى رەببىم،

ساداقەتتە داۋۇتقا قىلغان ۋەدىلىرىڭ نەلەردە قالدى؟

بۇرۇن كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭ قەيەردە قالدى؟

50قۇلۇڭ ئۇچراۋاتقان مەسخىرىلەرنى ئەسكە ئالغايسەن،

بارچە ئەلنىڭ ماڭا قىلغان ھاقارەتلىرىنى كۆرگەيسەن!

51رەقىبلىرىڭ مېنى دائىم مەسخىرە قىلار،

ئۆزۈڭ تاللىغان پادىشاھنى خار قىلار.

52پەرۋەردىگارغا مەڭگۈ ھەمدۇسانالار بولغاي!

ئامىن، ئامىن!



*8قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار _ بەزى تەرجىمىلەردە «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» ياكى «پەرىشتىلەرنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» دەپ ئېلىنغان.

*10راخاب _ كەنئان خەلقىنىڭ قەدىمىي رىۋايەتلىرىدە ئۇچرايدىغان بىر خىل دېڭىزدىكى مەخلۇق بولۇپ، ئۇ ھالاكەتلىك دېڭىزغا ۋە ۋەيران قىلغۇچى كۈچلەرگە سىمۋول قىلىنغان.

*25دېڭىز ۋە دەريالار _ بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ يەردىكى «دېڭىز»نى ئوتتۇرا دېڭىز، «دەريالار»نى فىرات دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئېقىملىرى، دەپ قارايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ يەردىكى «دېڭىز» ۋە «دەريالار» خۇدا ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا قارشى چىققان دۈشمەنلەرگە سىمۋول قىلىنغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى