« زەبۇر »

83

ئاساف يازغان مۇناجات

1ئۈن چىقارماي جىمىپ قالما ئى خۇدا،

سۈكۈت قىلىپ يوقاپ كەتمە ئى خۇدا.

2چۈنكى ساڭا ئۆچ بولغانلار

باش كۆتۈرۈپ چىقماقتا.

ساڭا دۈشمەن بولغانلار

شۇنچە داۋراڭ سالماقتا.

3ئۇلار قۇۋلۇق ئىشلىتىپ،

سۇيىقەست قىلار خەلقىڭگە.

قارشى پىلان تۈزۈشەر،

سەن قەدىرلىگەنلەرگە.

4دەيدۇ ئۇلار:

«يۈرۈڭلار، بارچە قوۋم قاتارىدىن يوق قىلايلى ئىسرائىللارنى،

ئېلىنمىسۇن ئىككىنچى ئېغىزىمىزغا ئۇلارنىڭ نامى.»

5ئۇلار بىرگە مەسلىھەتلەر قىلىشماقتا،

ساڭا قارشى ئىتتىپاقمۇ تۈزۈشمەكتە.

6مانا، ئىدوملۇقلار، ئىسمائىلنىڭ نەسىللىرى،

موئابلىقلار ۋە ھاگرىلار،

7گىبال، ئاممون ۋە ئامالەك،

فىلىستىيە ھەمدە تىر ئاھالىلىرى،

8ئاسسۇرىيەمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى،

ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا

يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنىدى. سېلاھ

9ئى خۇدا، سەن مىديانلىقلارغا

قىشون دەرياسىدا سىسىرا ۋە يابىنغا

قانداق تاقابىل تۇرغان بولساڭ،

شۇنداق تاقابىل تۇرغىن ئۇلارغا.

10ئۇلار ئېندور يېزىسىدا قىرىلغانىدى،

تەنلىرى تېزەك كەبى ئوغۇتقا ئايلانغانىدى.

11ھالاك قىلغايسەن ئۇلارنىڭ

بەگلىرىنى ئورېب ۋە زىئېبتەك،*

ئەمىرلىرىنى زەباخ ھەم زالمۇننادەك.*

12چۈنكى ئۇلار مۇنداق دېگەنىدى:

«ئۆزىمىزنىڭ مۈلكى قىلىۋالايلى

خۇدانىڭ چىمەن-يايلاقلىرىنى.»*

13ئى ئىلاھىم، سەرسان قىلىۋەت ئۇلارنى

بوراندا قالغان قامغاقتەك.

سورۇۋەتكىن ئۇلارنى

شامالدا قالغان ساماندەك.

14كۆيدۈرۈۋەتكىن ئۇلارنى _

ئوتقا ئوخشاش ئورمانلىققا تۇتاشقان،

يالقۇن كەبى تاغ باغرىغا ياماشقان.

15قوغلىۋەتكىن ئۇلارنى بورىنىڭ بىلەن،

ۋەھىمە سال ئۇلارغا قۇيۇنۇڭ بىلەن.

16چۈشۈرگىن نومۇستا يۈزىنى، ئى پەرۋەردىگار،

تاكى ياردەم سورىغىچە سېنىڭدىن ئۇلار.

17قارا يۈز بولغاي ئۇلار نومۇستىن،

رەسۋا بولۇپ يوقالغاي زېمىندىن.

18ئۇلار بىلسۇنكى، پەقەت پەرۋەردىگار*

پۈتكۈل جاھاندا ئەڭ بۈيۈك تۇرار.



*11ئورېب ۋە زىئېب _ مىديانلارنىڭ بەگلىرى ياكى سەركەردىلىرىدۇر.

*11زەباخ ۋە زالمۇننا _ مىديانلارنىڭ ئەمىرلىرىدۇر.

*12چىمەن-يايلاق _ ئىسرائىلىيە زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ.

*18پەرۋەردىگار _ بۇ ئايەتتە خۇدانىڭ خاس نامى بولۇپ، ئىبرانىيچە نۇسخىدا «ياھۋەھ» دەپ ئېلىنغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى