« زەبۇر »

38

داۋۇت يازغان خاتىرە مۇناجىتى

1ئى پەرۋەردىگار،

مېنى قەھرىڭ بىلەن ئەيىبلىمە،

ماڭا غەزىپىڭدە تەربىيە بەرمە.

2كىردى تېنىمگە ئوقلىرىڭ،

باستى مېنى قوللىرىڭ.

3غەزىپىڭدىن يۈرەك-باغرىم يارا بولدى،

گۇناھىمدىن تېنىم مېنىڭ پارە بولدى.

4غەرق بولدۇم گۇناھلىرىم كەلكۈنىگە،

سالمىقىدىن گۇناھىمنىڭ پاتتىم يەرگە.

5يىرىڭلاپ سېسىپ كەتتى جاراھىتىم،

سەۋەب بولدى بۇنىڭغا نادانلىقىم.

6بەللىرىم پۈكۈلدى قەددىم مۈكچىيىپ،

كۈنبويى يۈرىمەن قايغۇغا پېتىپ.

7ئاغرىماقتا كۆيۈپ پۈتۈن بەدىنىم،

تېنىمدە قالمىدى ھېچبىر ساق يېرىم.

8تۇمشۇقۇمغا كېلىپ قالدى جېنىم مېنىڭ،

ھەسرەتتىن پەرياد قىلار قەلبىم مېنىڭ.

9ئى رەببىم، ئارزۇلىرىم ئاياندۇر ساڭا،

ئاھ ئۇرۇشۇم يوشۇرۇن ئەمەستۇر ساڭا.

10يۈرىكىم جىغىلداپ ھالى كەتتى،

ھەتتا كۆزلىرىمنىڭ نۇرى كەتتى.

11يار-بۇرادەر، تۇغقانلىرىم كېسىلىم سەۋەبىدىن،

يىراق قاچتى ئۆزلىرىنى ئېلىپ مەندىن.

12تۇزاق قۇرار جېنىمغا قەست قىلماقچى بولغانلار،

ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلماق ئۈچۈن مەسلىھەت قۇرار.

ھىيلە-مىكىر، سۇيىقەست ئويلار كۈنبويى ئۇلار.

13ھېچنېمىنى ئاڭلىمايمەن گاس ئادەمدەك،

ھېچبىرىگە سۆز قىلمايمەن گاچىلاردەك.

14شۇنداق، قۇلىقى پاڭ ئادەمدەكمەن،

رەدىيەگە تىلى يوق گاچىدەكمەن.

15ئى پەرۋەردىگار، ئۈمىدىمنى باغلىدىم ساڭا،

ئى ئىگەم، ئىلاھىم جاۋاب بېرىسەن ماڭا.

16تىلەيمەن، ئۈستۈمدىن كۈلمىسۇن بىراۋلار،

تېيىلغىنىمدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلار.

17يىقىلاي دەپ قالدىم ئى خۇدا،

ئازاب ھەمراھدۇر دائىم ماڭا.

18ئىقرار قىلىپ گۇناھىمغا،

پۇشايمان قىلدىم خاتالىقىمغا.

19دۈشمەنلىرىم سەگەك ھەم كۈچلۈكتۇر،

سەۋەبسىزلا ماڭا ئۆچلەر شۇنچە كۆپتۇر.

20ياخشىلىقىمقا يامانلىق قايتۇرغانلار،

توغرا يولدا ماڭدىڭ دەپ قارشى چىقار.

21ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي مېنى تاشلىما،

ئى ئىلاھىم، مېنى تاشلاپ كەتمە يىراققا.

22ئى ئىگەم، نىجاتكارىم،

قىلغىن ماڭا تېزدىن ياردەم.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى