« زەبۇر »

147

1ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا،

ئىگىمىزنى كۈيلىمەك بەختتۇر بىزگە،

خۇشاللىقتۇر مەدھىيە ئوقۇش خۇداغا،

ھەمدۇسانالار لايىقتۇر ئۇنىڭ شەنىگە.

2ئىگىمىز قايتىدىن قۇرىدۇ يېرۇسالېمنى،

ئىسرائىلغا يېڭىدىن يىغىدۇ سۈرگۈن بولغانلارنى.

3كۆڭلىگە داۋا بېرىدۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنىڭ،

شىپالىق مەلھەم تاڭىدۇ يارىلىرىغا ئۇلارنىڭ.

4خۇدا ئۆزى بەلگىلەيدۇ يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى،

ئايرىم نامدا ئاتىغاندۇر ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى.

5رەببىمىز بۈيۈكتۇر، قۇدرىتى چەكسىز،

دانالىقى ئۇنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز.

6پەرۋەردىگار يۆلەپ كۆتۈرەر ئاجىزلارنى،

ئۇ يەرگە ئۇرار پاسىق-رەزىللەرنى.

7پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىپ، قوشاق قېتىڭلار،

قوشاقلارنى ساز لىرادا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىڭلار.

8ئۇ ئاسماننى بۇلۇتلارغا تولدۇرۇپ،

كۆكتىن يەرگە يامغۇرىنى ياغدۇرۇپ،

تاغ-دالانى ئوت-چۆپلەرگە تولدۇرار.

9خۇدا ئاتا قىلار چارۋا-مالغا ئۆز رىزقىنى،

ئوزۇق بېرەر قاقىلدىغاندا قاغا بالىلىرى.

10ئۇ سۆيۈنمەس ئات كۈچىدىن،

چەبدەس، چاققان ئادەم پۇتىدىن.

11پەرۋەردىگار سۆيۈنەر ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلاردىن،

ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردىن.

12ئەي يېرۇسالېم، پەرۋەردىگارنى ئالقىشلا،

ئەي سىئون، مەدھىيە ئوقۇ خۇدايىڭغا.

13چۈنكى پەرۋەردىگار دەرۋاز تاقاقلىرىڭنى مەھكەم قىلار،

سېپىل ئىچىدىكى پەرزەنتلىرىڭگە بەخت ئاتا قىلار.

14ئۇ چېگرالىرىڭغىچە ئاسايىشلىق ئېلىپ كېلەر،

ئۇ سىلەرنى بۇغداينىڭ ئېسىلى بىلەن تەمىنلەر.

15خۇدا يەر يۈزىگە ئەمر قىلار،

ئەمرى تېز بېرىپ ئەمەلگە ئاشار.

16پەرۋەردىگار ئاق يۇڭدەك ئاپئاق قارنى ياغدۇرار،

نەپىس قىروۋنى پۈتكۈل زېمىنغا كۈلدەك چاچار.

17مۆلدۈرلەرنى نان ئۇۋاقلىرىدەك چېچىۋېتەر،

كىممۇ ئۇنىڭ سوغۇقىغا بەرداشلىق بېرەر.

18پەرۋەردىگار سۆزى بىلەن ئېرىتەر ئۇلارنى،

شامىلى بىلەن ئاققۇزار سۇلارنى.

19پەرۋەردىگارنىڭ كالامىنى يەتكۈزەر ياقۇپنىڭ نەسلىگە،

پەرمان ھەم پەرزلىرىنى ئايان قىلار ئىسرائىل خەلقىگە.

20پەرۋەردىگار باشقا خەلققە ھېچقاچان بۇنداق مۇئامىلە قىلغان ئەمەس،

ئۇنىڭ پەرزلىرىنى باشقىلارمۇ ھەم بىلگەن ئەمەس.

ھەمدۇسانالار بولسۇن پەرۋەردىگارغا.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى