« زەبۇر »

144

داۋۇت يازغان مۇناجات

1ھەمدۇسانا ئوقۇلسۇن قورام تېشىم بولغان خۇداغا،

ماھىر قىلار ئۇ مېنىڭ قوللىرىمنى جەڭ قىلىشقا.

2ماڭا سادىق مەدەتكار، قورغىنىمدۇر ئۇ مېنىڭ،

نىجاتكارىم، مۇستەھكەم قەلئەيىم ئۇ مېنىڭ.

قالقىنىمدۇر ئۇ مېنىڭ، پاناھ تاپارمەن ئۇنىڭدا،

بويسۇندۇرار ئۇ دائىم خەلقلەرنى قول ئاستىمغا.

3ئى پەرۋەردىگار، ئىنسان نېمىدى سەن ئۇنىڭغا نەزەر سالغۇدەك،

ئادەم بالىسى نېمىدى سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟

4ئوخشار ئىنسان ھاياتى گويا كېتىۋاتقان سايىغا،

ئوخشار ئۇنىڭ ئۆمرى بەئەينى بىر تىنىققا.

5كۆكنى يېرىپ چۈشكىن ئى خۇدا،

ئىس-تۈتەكلەر چىقارغىن تاغلار ئارا.

6چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ قوغلىغايسەن رەقىبىڭنى،

تارقاتقايسەن ئۇلارنى ئېتىپ تۇرۇپ ئوقلىرىڭنى.

7ئۇزىتىپ قولۇڭنى سەن كۆك باغرىدىن،

تارتىۋالغىن مېنى خۇدا قاينام دەريا-سۇلاردىن،

قۇتقۇزغىن ھەم مېنى ياتلار چاڭگىلىدىن.

8ئۇلار دائىم سۆزلەر يالغان سۆزلەرنى،

بېرەر ساختا، يالغان قەسەملەرنى.

9ئى خۇدا، ساڭا ئاتاپ ئېيتاي يېڭى ناخشا،

كۈيلەي سېنى ئون تارلىق چىلتاردا.

10سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىرىغا زەپەر ئاتا قىلغۇچىسەن،

بەندەڭ داۋۇتنى ئەجەللىك قىلىچ ئاستىدىن قۇتقۇزغۇچىسەن.

11ياتلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ ئازاد قىل مېنى،

ئۇلار دائىم سۆزلەر يالغان سۆزلەرنى،

بېرەر ساختا، يالغان قەسەملەرنى.

12ئوغۇللىرىمىز ئوخشىغاي ياخشى ئۆسكەن كۆچەتلەرگە،

قىزلىرىمىز ئوردا تۈۋرۈكلىرىدىكى نەپىس نەقىشلەرگە.

13ئامبارلىرىمىز لىق تولغاي ئاشلىقلارغا،

قويلىرىمىز سان-ساناقسىز كۆپەيگەي يايلاقلاردا.

14كۆپ بولغاي ئۆكۈزلىرىمىزنىڭ يۈكلىرى،

ئەسىرگە چۈشمىگەي خەلقىمىزدىن ھېچبىرى.

بۇزۇپ ئۆتەلمىگەي ھېچكىم سېپىللىرىمىزنى،

ئاڭلانمىغاي كوچىلاردىن زارلىنىش ئاۋازلىرى.

15نەقەدەر بەختلىكتۇر،

بۇنداق تىلەكلىرى ئەمەلگە ئاشقان ئىنسانلار!

نەقەدەر بەختلىكتۇر،

ئىگىسى پەرۋەردىگار بولغان قوۋملار!

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى