« زەبۇر »

136

1-2پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ شاپائەتلىكتۇر،

پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ھەممە «ئىلاھلار»دىن* ئۈستۈندۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

3پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ بارلىق ھۆكۈمدارلاردىن ئۈستۈندۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

4پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

پەقەتلا ئۇ ئۇلۇغ مۆجىزىلەر ئىگىسىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

5پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ دانالىقتا ئاسماننى ياراتقۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

6پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ زېمىننى سۇ ئۈستىگە ئورناتقۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

7پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ يورۇقلۇق تارقاتقۇچى جىسىملارنى ياراتقۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

8پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ كۈندۈزى پارلايدىغان قۇياشنى ياراتقۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

9پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ كېچىسى پارلايدىغان ئاي، يۇلتۇزنى ياراتقۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

10پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

مىسىردا تۇنجى توغۇلغانلارنىڭ جېنىنى ئالغۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

11پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ ئىسرائىللارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىققۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

12پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ ئۇلارنى زور قۇدرىتى بىلەن ئېلىپ چىققۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

13پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ قىزىل دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئىككىگە بۆلگۈچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

14پەرۋەردىگارغا، شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ دېڭىزنى يېرىپ ئىسرائىللارنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ چىققۇچىدۇر.

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

15پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى قىزىل دېڭىزغا غەرق قىلغۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

16پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ ئۆز قوۋمىنى چۆل-باياۋاندىن يېتەكلەپ ئۆتكۈچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

17پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ كاتتا پادىشاھلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلغۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

18پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ كۈچلۈك پادىشاھلارنى ھالاك قىلغۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

19پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننىڭ جېنىنى ئالغۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

20پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ باشان پادىشاھى ئوگنىڭ جېنىنى ئالغۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر،

21پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۆز قوۋمىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگۈچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

22پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۆز قۇللىرى ئىسرائىللارغا مۈلۈك قىلىپ بەرگۈچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

23پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ خار بولغان چېغىمىزدا بىزنى ئەسلىگۈچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

24پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ بىزنى رەقىبلىرىمىزدىن قوغدىغۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

25پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ بارلىق جانلىقلارغا ئوزۇق ئاتا قىلغۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

26ئەرشئەلادىكى خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.



*1-2ئىلاھلار _ بۇ يەردە ئېيتىلغان «ئىلاھلار» دۇنيادىكى ھەر خىل خەلقلەر ئىشىنىدىغان يالغان ئىلاھلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى