« ئايۇپ »

42

ئايۇپنىڭ توۋا قىلىشى

1ئايۇپ پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

2«ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىڭنى،

ھېچكىم سېنىڭ مەقسەتلىرىڭنى توسالمايدىغانلىقىنى بىلىمەن.

3سەن: ‹مېنىڭ دانالىقىمنى ئەقىلسىزلىقى بىلەن خۇنۈكلەشتۈرۈۋاتقان كىم؟› دەپ سورىدىڭ،

دەرۋەقە، مەن چۈشەنمەيدىغان ئىشلار توغرۇلۇق كۆپ گەپ قىلدىم،

بۇ ئاجايىپ ئىشلارنى چۈشىنىشكە ئەقلىم يەتمەيدۇ.

4سەن: ‹سەن ئاڭلا، مەن سۆزلەي.

مەن سوئال سورايمەن، سەن جاۋاب بەر› دېدىڭ.

5بۇرۇن كىشىلەردىن سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىم،

ئەمدى ئۆز كۆزلىرىم بىلەن سېنى كۆردۈم.

6شۇڭا مەن ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن،

توپا ۋە كۈلگە مىلىنىپ ئولتۇرۇپ توۋا قىلىمەن.»

پەرۋەردىگارنىڭ ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستىنى ئەيىبلىشى

7پەرۋەردىگار ئايۇپقا دەيدىغان سۆزلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تېمانلىق ئەلىفازغا مۇنداق دېدى:

_ سەن ۋە سېنىڭ ئىككى دوستۇڭغا خاپا بولدۇم، سىلەرنىڭ مەن توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭلار خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭكىدەك دۇرۇس بولمىدى. 8ئەمدى سىلەر يەتتە بۇقا ۋە يەتتە قوچقارنى خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ مەن توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭلار خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭكىدەك دۇرۇس بولمىدى. خىزمەتكارىم ئايۇپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن، مەن ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، سىلەرنى ئەخمەقلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان جازادىن خالاس قىلاي.

9شۇنىڭ بىلەن تېمانلىق ئەلىفاز، شۇۋاخلىق بىلداد، نائامالىق زوفار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى، پەرۋەردىگار ئايۇپنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى.

پەرۋەردىگارنىڭ ئايۇپنى قايتىدىن بەختلىك قىلىشى

10ئايۇپ دوستلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بۇرۇنقى روناق تاپقان چاغلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتۇق بايلىق ئاتا قىلدى. 11ئايۇپنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە بۇرۇنقى دوستلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە غىزالاندى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ كەلتۈرگەن بارلىق بالايىئاپەتلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ھال سورىدى، تەسەللى بەردى. ھەر بىرى ئۇنىڭغا كۈمۈش ۋە بىردىن ئالتۇن ھالقىنى ھەدىيە قىلىشتى.

12ئايۇپنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان بەخت-سائادەت بۇرۇنقى ھاياتىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بولدى. ئۇ 14 مىڭ تۇياق قوي، ئالتە مىڭ تۆگە، مىڭ جۈپ ئۆكۈز، مىڭ تۇياق چىشى ئېشەككە ئىگە بولدى. 13ئۇ يەنە يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىزلىق بولدى. 14ئۇ چوڭ قىزىغا يىمىما، ئوتتۇرانچى قىزىغا قىزىئا، كىچىك قىزىغا قەرەن-ھاپپۇك دەپ ئىسىم قويدى. 15ئۇ يەردە ئايۇپنىڭ ئۈچ قىزىغا ئوخشاش مۇنداق چىرايلىق قىزلار يوق ئىدى. ئايۇپ ئۇلارغا، ئاكىلىرىغا ئوخشاش مىراس قالدۇرۇپ، مال-مۈلۈكىدىن بەھرىمەن قىلدى.

16شۇنىڭدىن كېيىن ئايۇپ يەنە 140 يىل ياشاپ، ئەۋرە كۆردى. 17ئايۇپ قېرىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز ئەجىلى بىلەن ۋاپات بولدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى