« سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم »

6

ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېتىلىشى

1داۋۇت يەنە ئىسرائىللارنىڭ سەرخىل لەشكەرلىرىنى يىغدى. ئۇلار جەمئىي 30 مىڭ چىقتى. 2داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى باشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ بائالا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپى ئەھدە ساندۇقىدا ئىدى. 3ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كىچىكرەك بىر تاغ ئۈستىدىكى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ، يېڭى بىر ھارۋىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئابىنادابنىڭ ئوغۇللىرى ئۇززا ۋە ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭدى. 4ئاخىيو ھارۋىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. 5داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا لىرا، چىلتار، داپ، ساپايى ۋە جاڭلارنى چېلىپ، ھاياجان بىلەن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى.

6ئۇلار ناكوننىڭ خامىنىغا كەلگەندە كالا پۇتلىشىپ، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى چۈشۈپ كېتەي دېگەندە، ئۇززا قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى يۆلۈۋالدى. 7بىراق ئۇززانىڭ بۇ ھەرىكىتى _ ئەھدە ساندۇقىغا خالىغانچە تەگمەسلىك قائىدىسىگە خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپى كېلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىدىلا ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى. 8داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززانى جازالىغانلىقىغا خاپا بولۇپ، ئۇ يەرنى «پەرەس-ئۇززا» [مەنىسى «ئۇززانىڭ جازالىنىشى»] دەپ ئاتىدى. ئۇ يەر ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

9شۇ كۈنى داۋۇت پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ: «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قاراش ۋەزىپىسىنى قانداق قىلىپ ئۈستۈمگە ئالالايمەن؟» دەپ ئويلىدى.

10شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان داۋۇت شەھىرىگە ئەكېلىشنى خالىماي، ئۇنى گاتلىق ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. 11پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى، پەرۋەردىگار ئوبېد-ئىدومنىڭ پۈتۈن ئۇرۇق-جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلدى.

12داۋۇت پادىشاھ «ئەھدە ساندۇقى سەۋەبىدىن پەرۋەردىگار ئوبېد-ئىدومنىڭ جەمەتىگە ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە بەخت ئاتا قىلىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى خۇشال ھالدا داۋۇت شەھىرىگە يۆتكەپ كەلدى. 13پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلار ئالتە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن، داۋۇت بىر بۇقا ۋە بىر بوردالغان مال قۇربانلىق قىلدى. 14داۋۇت كەندىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق تونىنى كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ھاياجان بىلەن ئۇسسۇل ئوينىدى. 15داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىللار بۇرغا چېلىپ، ئالقىش ياڭرىتىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا كۆتۈرۈپ ماڭدى.

16پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە كىرگەن ۋاقىتتا، سائۇلنىڭ قىزى مىكال دېرىزىدىن داۋۇت پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا سەكرەپ ئۇسسۇل ئويناپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنى مەنسىتمىدى. 17ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى، داۋۇت ئۇنىڭغا ئاتاپ تىكتۈرگەن چېدىرغا ئەكىرىپ قويدى. داۋۇت پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى. 18شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ خەلققە قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بەخت تىلىدى. 19يەنە پۈتۈن خەلققە، ئەر-ئايال دېمەي، ھەربىر ئادەمگە بىردىن نان، خورما قېقى ۋە كىشمىش ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

20داۋۇت ئۆز جەمەتىگە سالام بېرىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتتى. سائۇلنىڭ قىزى مىكال داۋۇتنى قارشى ئېلىشقا چىقىپ ئۇنىڭغا تەنە قىلىپ:

_ پاھ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بۈگۈن قالتىس شانۇشەۋكەتلىك بولۇپ كېتىپتىغۇ؟! ئەمەلدارلىرىنىڭ دېدەكلىرى ئالدىدا خۇددى پەسكەشلەردەك يېرىم يالىڭاچ بولۇپ، ئۆزلىرىنى كۆرسەتتىلىغۇ! _ دېدى.

21داۋۇت ئۇنىڭغا:

_ ئۇسسۇل ئوينىغان بولسام، ئاتاڭنىڭ ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن جەمەتىنىڭ ئورنىغا مېنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىلنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا شادلىنىپ ئوينىدىم. 22مەن قانچە ئابرۇيسىز قالساممۇ، سەن مېنى قانچىلىك كۆزگە ئىلمىساڭمۇ، مەن يەنىلا ئۇسسۇل ئويناۋېرىمەن. ۋاھالەنكى سەن تىلغا ئالغان ئاشۇ دېدەكلەر بولسا، مېنى ھۆرمەتلىشىدۇ، _ دېدى.

23سائۇلنىڭ قىزى مىكال ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرمىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى