« سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم »

5

داۋۇتنىڭ پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇشى

1شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىنىڭ ھەممىسى ھىبرونغا كېلىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا يىغىلدى. ئۇلار داۋۇتقا:

_ قارىسىلا، بىز سىلىنىڭ جانجىگەر تۇغقانلىرى بولىمىز. 2بۇرۇن سائۇل بىزگە پادىشاھ بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇرۇشلاردا ئىسرائىل خەلقىگە باشچىلىق قىلغانىدىلە. پەرۋەردىگارمۇ سىلىگە: «سەن خۇددى بىر پادىچى ئۆز قويلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك، مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ۋە ئۇلارغا باشچى بولىسەن» دېگەنىدى، _ دېدى.

3شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ھىبروندا ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى بىلەن «پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن» دەپ، ئەھدە تۈزدى. ئۇلار داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلدى. 4داۋۇت تەختكە ئولتۇرغان چېغىدا ئوتتۇز ياش ئىدى، ئۇ قىرىق يىل تەختتە ئولتۇردى. 5ئۇ ھىبروندا يەھۇدا قەبىلىسىگە يەتتە يېرىم يىل، يېرۇسالېمدا پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە ئوتتۇز ئۈچ يىل پادىشاھ بولدى.

داۋۇت پادىشاھنىڭ يېرۇسالېمنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىشى

6داۋۇت پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى يېرۇسالېمغا كېلىپ، شۇ يەردە تۇرىدىغان يىبۇسلارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانىدى، يىبۇسلار: «داۋۇت ھەرگىز بۇ يەرگە كىرەلمەيدۇ» دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا:

_ سەن بۇ يەرگە كىرەلمەيسەن، سىلەرنى ھەتتا بۇ يەردىكى كور-توكۇرلارمۇ توسۇپ قالالايدۇ، _ دېدى.

7(كېيىن، داۋۇت سىئون قەلئەسىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالدى ۋە بۇ قەلئەگە «داۋۇت شەھىرى» دەپ نام بەردى.) 8داۋۇت ئۇ چاغدا ئۆز ئادەملىرىگە:

_ كىمكى يىبۇسلارنى يوقاتماقچى بولسا، ماڭا ئۆچ بولغان شۇ «كور» ۋە «توكۇر»لارنىڭ يېنىغا ئۆستەڭ ئارقىلىق بېرىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلسۇن، _ دېدى.

شۇ سەۋەبتىن «كور ۋە توكۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرەلمەيدۇ» دېگەن گەپ پەيدا بولغان.

9شۇنداق قىلىپ، داۋۇت قەلئەنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى ۋە ئۇ قەلئەنى «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتىدى. داۋۇت شەھەرنى تىندۇرۇلغان يەردىن باشلاپ كېڭەيتىپ قۇردى. 10داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى. پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى.

11تىر پادىشاھى ھىرام ئەلچىلەرنى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە كېدىر ياغاچلىرى، ياغاچچىلار ۋە تاشچىلارنىمۇ ئەۋەتتى. ئۇلار داۋۇتقا ئوردا سېلىپ بەردى. 12شۇنىڭ بىلەن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆز خەلقى ئىسرائىللار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنلىكىنى بىلدى.

13داۋۇت ھىبروندىن كەتكەندىن كېيىن يېرۇسالېمدا يەنە بىرقانچە خوتۇن ۋە توقاللارنى ئالدى ۋە نۇرغۇن پەرزەنت كۆردى. 14يېرۇسالېمدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى: شاممۇۋا، شوباب، ناتان، سۇلايمان 15يىبخار، ئەلىشۇۋا، نەفەگ، يافىيا، 16ئەلىشاما، ئەليادا ۋە ئەلىفەلەت.

داۋۇت پادىشاھنىڭ فىلىستىيەلىكلەرنى يېڭىشى

17داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ، ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئاڭلىغان فىلىستىيەلىكلەر لەشكەرلىرىنى داۋۇتنى تۇتۇشقا ئەۋەتتى. داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، پاناھلىنىش ئۈچۈن تاغدىكى غارغا كەتتى. 18فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ رافائىم جىلغىسىغا تارقالدى.

19داۋۇت پەرۋەردىگاردىن:

_ مەن فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭگە چىقايمۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ جەڭگە چىق، مەن چوقۇم فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دېدى.

20شۇنىڭ بىلەن داۋۇت بائال-پىرازىمغا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلدى ۋە: «پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىم ئۈستىدىن خۇددى كەلكۈندەك بۆسۈپ ئۆتتى» دېدى. شۇڭا داۋۇت ئۇ يەرگە «بائال-پىرازىم» [مەنىسى «بۆسۈپ ئۆتكۈچى ئىگە»] دېگەن نامنى بەردى. 21فىلىستىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانىدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇ بۇتلارنى ئېلىپ كەتتى.

22ۋاھالەنكى، فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ يەنە رافائىم جىلغىسىغا تارقالدى. 23داۋۇت يەنە پەرۋەردىگاردىن نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى سورىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن بارماي، ئارقىسىغا ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۇلارغا تېرەكلىكنىڭ يېنىدىن ھۇجۇم قىل، 24سەن تېرەكلەرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن لەشكەرلىرىمنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا تېز ھەرىكەت قىل، چۈنكى شۇ چاغدا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇمغا چىققان بولىمەن، _ دېدى.

25شۇنداق قىلىپ داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش تۇتۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى گەبادىن گەزەرگىچە قوغلاپ بېرىپ، قىردى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى