يامان ئىجارىكەشلەر

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 21- باب

33_ يەنە بىر تەمسىل ئاڭلاڭلار: بىر يەر ئىگىسى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. مۇسەللەس ئىشلەش ئۈچۈن ئۈزۈمزارلىققا بىر كۆلچەك قازدۇرۇپتۇ ۋە بىر كۆزەتخانا ياسىتىپتۇ. كېيىن، ئۈزۈمزارلىقنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى يىراق بىر يەرگە كېتىپتۇ. 34ئۈزۈم ئۈزۈش ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىگە تېگىشلىك ھوسۇلنى ئەكېلىش ئۈچۈن، قۇللىرىنى ئىجارىكەشلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. 35لېكىن، ئىجارىكەشلەر قۇللارنى تۇتۇۋېلىپ، بىرىنى دۇمبالاپتۇ، بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ، يەنە بىرىنى چالما-كېسەك قىپتۇ. 36يەر ئىگىسى بۇ قېتىم ئالدىنقىدىنمۇ كۆپ قۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ، بىراق ئىجارىكەشلەر ئۇلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىپتۇ. 37ئاخىردا، يەر ئىگىسى «ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار» دەپ، ئۇنى ئەۋەتىپتۇ. 38لېكىن، ئىجارىكەشلەر يەر ئىگىسىنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ، ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئۈزۈمزارلىقىنى ئىگىلىۋالايلى» دېيىشىپتۇ. 39شۇنداق قىلىپ، ئۇنى تۇتۇپ ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.

40بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى كەلسە، ئىجارىكەشلەرنى قانداق قىلىدۇ؟

41ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا:

_ بۇ ۋەھشىي ئادەملەرنى قورقۇنچلۇق شەكىلدە يوقىتىدۇ. ئۈزۈمزارلىقنى بولسا ئىجارىسىنى ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرىدىغان كىشىلەرگە ئىجارىگە بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

42ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن سورىدى:

_ زەبۇردىكى مۇنۇ سۆزلەرنى زادى ئوقۇمىغانمىدىڭلار؟

«تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش

قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى.

بۇ، پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر،

بىز ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئىشتۇر.»

43بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر شۇ سەۋەبتىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن مەھرۇم قىلىنىسىلەر، خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ياشايدىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ. 44بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ. «تاش» كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، شۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ.

45ئالىي روھانىيلار ۋە پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقان تەمسىللىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەندى. 46ئۇنى تۇتۇشنى ئويلىسىمۇ، خەلقتىن قورقۇشتى، چۈنكى خەلق ئۇنى پەيغەمبەر، دەپ قارايتتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 12- باب

1ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى:

_ بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. مۇسەللەس ئىشلەش ئۈچۈن ئۈزۈمزارلىققا بىر كۆلچەك قازدۇرۇپتۇ ۋە بىر كۆزەتخانا ياسىتىپتۇ. كېيىن، ئۈزۈمزارلىقنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى يىراق بىر يەرگە كېتىپتۇ. 2ئۈزۈملەرنى ئۈزىدىغان مەزگىل كەلگەندە، ئۇ ھوسۇلنىڭ بىر ئۈلۈشىنى ئېلىپ كېلىشكە قۇللىرىدىن بىرىنى ئىجارىكەشلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. 3لېكىن، ئىجارىكەشلەر ھېلىقى قۇلنى تۇتۇۋېلىپ دۇمبالاپ، قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ. 4خوجايىن يەنە بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. ئىجارىكەشلەر ئۇنىڭمۇ باش-كۆزىنى يېرىپ، ھاقارەتلەپ قايتۇرۇپتۇ. 5كېيىن، خوجايىن يەنە بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. يەنە بىرمۇنچە قۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ، ئۇلارنىڭمۇ بەزىلىرى تاياق يەپ، بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. 6خوجايىننىڭ يېنىدا بىرلا ئادىمى، يەنى ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىلا قاپتۇ. ئۇ ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار دەپ، ئىجارىكەشلەرنىڭ يېنىغا ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى ئەۋەتىپتۇ. 7لېكىن، ئىجارىكەشلەر ئۆزئارا: «بۇ بولسا خوجايىننىڭ مىراسخورى. كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، ئۈزۈمزارلىق بىزگە ئوڭچە قالسۇن» دېيىشىپتۇ. 8شۇنداق قىلىپ، ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئاچىقىۋېتىپتۇ. 9بۇنداق ئەھۋالدا، ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى بۇ ئىجارىكەشلەرنى قانداق قىلىدۇ؟ جەزمەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىدۇ. 10سىلەر زەبۇردىكى مۇنۇ سۆزلەرنى زادى ئوقۇمىغانمىدىڭلار؟

«تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش

قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى.

11بۇ، پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر،

بىز ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئىشتۇر.»

12ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ تەمسىلنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەنگەن يەھۇدىيلارنىڭ چوڭلىرى ئۇنى تۇتقۇن قىلماقچى بولدى. لېكىن، خەلقتىن قورقۇپ، ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 20- باب

9ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلارغا بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئۇنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى يىراق بىر يەرگە كېتىپتۇ ۋە ئۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپتۇ. 10ئۈزۈملەرنى ئۈزىدىغان مەزگىل كەلگەندە، ئۇ قۇللىرىدىن بىرىنى ئۆزىگە تېگىشلىك ئۈلۈشنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. لېكىن، ئىجارىكەشلەر ھېلىقى قۇلنى دۇمبالاپ، قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ. 11خوجايىن يەنە بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. ئىجارىكەشلەر ئۇنىمۇ شۇنداق ئۇرۇپ، ھاقارەتلەپ، يەنە قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ. 12ئۈچىنچى قېتىم خوجايىن يەنە باشقا بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. ئىجارىكەشلەر ئۇنىمۇ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، باغدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. 13ئاخىردا، ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى، «قانداق قىلسام بولار؟ سۆيۈملۈك ئوغلۇمنى ئەۋەتسەم، ھېچبولمىغاندا ئۇنى ھۆرمەت قىلار» دەپ ئوغلىنى ئەۋەتىپتۇ. 14لېكىن، ئىجارىكەشلەر خوجايىننىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ بىر-بىرىگە: «بۇ بولسا خوجايىننىڭ مىراسخورى. ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، ئۈزۈمزارلىق بىزگە ئوڭچە قالسۇن!» دېيىشىپتۇ. 15شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى بۇ ئىجارىكەشلەرنى قانداق قىلىدۇ؟ 16جەزمەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىدۇ.

كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ:

_ بۇنداق ئىشلار ھەرگىز يۈز بەرمىسۇن! _ دېيىشتى.

17بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا كۆزلىرىنى تىكىپ مۇنداق دېدى:

_ زەبۇردا قۇتقۇزغۇچى ھەققىدە:

«تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش

قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى.»

دەپ ئېنىق يېزىلغان تۇرسا! 18بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ. «تاش» كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، شۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى