ئون چاكار- ئون تىللا

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 19- باب

11ئۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا پايتەخت يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىشكە ئازلا قالغانلىقى ئۈچۈن، جامائەت خاتا ھالدا ئۇنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى تىكلىشىگە ئاز قالدى، دەپ قارايتتى. 12بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى:

_ بىر ئاقسۆڭەك پادىشاھلىق تەختىگە ئىگە بولۇپ كېلىش ئۈچۈن، يىراق بىر يەرگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ.

13يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئون چاكىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ھەربىرىگە بىردىن تىللا بېرىپ: «مەن قايتىپ كەلگۈچە، بۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلىڭلار، قېنى، قانچىلىك پۇل تاپىدىكەنسىلەركىن» دەپتۇ. 14بىراق، يۇرتىدىكىلەر بۇ ئاقسۆڭەككە ئۆچ بولغاچقا، كەينىدىن ئادەم ئەۋەتىپ: «بۇ ئادەمنىڭ بىزگە پادىشاھ بولۇشىنى خالىمايمىز» دەپتۇ.

15ئاقسۆڭەك پادىشاھ بولۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەرھال ھېلىقى چاكارلىرىنى چاقىرىپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئوقەت قىلىپ قانچىلىك پۇل تاپقانلىقىنى بىلمەكچى بولۇپتۇ. 16باشتا كەلگىنى: «خوجايىن، مەن سىز بەرگەن تىللانى ئىشلىتىپ ئون تىللا تاپتىم» دەپتۇ. 17«ناھايىتى ياخشى! سەن ياخشى چاكار ئىكەنسەن. مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى ئون شەھەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەيمەن» دەپتۇ خوجايىن. 18ئىككىنچى چاكار كېلىپ: «خوجايىن، مەن سىز بەرگەن تىللانى ئىشلىتىپ بەش تىللا تاپتىم» دەپتۇ. 19«سەنمۇ بەش شەھەرنى باشقۇرىسەن» دەپتۇ خوجايىن.

20بىراق، ئۈچىنچى چاكار كېلىپ: «خوجايىن، بەرگەن تىللايىڭىز مانا تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنى قول ياغلىقىمغا يۆگەپ ئۆيدە ساقلىدىم. 21مەن سىزدىن قورقىمەن، چۈنكى سىز قاتتىق ئادەم، باشقىلارغا ئامانەت قويسىڭىز، ئۇنىڭ كۆپىيىشىنى، ئۆزىڭىز تېرىمىسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ ھوسۇلىنى كۈتىسىز» دەپتۇ. 22«ئەي يامان چاكار، سېنى ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلىرىڭ بويىچە جازالايمەن. سەن مېنىڭ تېرىماي تۇرۇپ يىغىۋالىدىغان، ئۆزۈمنىڭ بولمىغاننى ئېلىۋالىدىغان قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، 23يەنە نېمە ئۈچۈن پۇلۇمنى خەزىنىچىلەرگە ئامانەت قويمىدىڭ؟ مەن قايتىپ كەلگەندە ئۆسۈمى بىلەن ئالماسمىدىم؟» دەپتۇ خوجايىن. 24كېيىن، ئۇ يېنىدىكىلەرگە: «ئۇنىڭدىكى تىللانى ئېلىپ، ئون تىللا تاپقان چاكارغا بېرىڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىپتۇ. 25«خوجايىن، ئۇنىڭ ئون تىللاسى تۇرسا!» دېيىشىپتۇ ئۇلار. 26«شۇنداق» دەپتۇ خوجايىن، «بېرىلگەننى تولۇق ئىشلەتكەنلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ-دە، بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىكى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. لېكىن، بېرىلگەننى ئىشلەتمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ بارىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ. 27مېنىڭ پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمگە كەلسەك، ئۇلارنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىپ، كاللىسىنى ئېلىڭلار!» [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى