نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋە توپان بالاسى

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 7-8- باب

1پەرۋەردىگار نۇھقا:

_ بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر ئارىسىدا سېنىڭ بىردىنبىر دۇرۇس كىشى ئىكەنلىكىڭنى بايقىدىم. شۇڭا، سەن پۈتۈن ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېمىگە چىققىن. 2مەن «ھالال» دەپ بېكىتكەن ھايۋاناتلارنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن، «ھارام»لىرىنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن بىر جۈپتىن ئېلىۋال. 3ئۇچارقاناتلارنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىنمۇ يەتتە جۈپتىن ئېلىۋال. شۇنداق بولغاندا، توپان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەر خىل ھايۋانات، ئۇچارقاناتلار ھايات قېلىپ، يەر يۈزىدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇقى قايتا كۆپىيەلەيدۇ. 4ئۆزۈم ياراتقان پۈتكۈل جانلىقلارنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن، يەتتە كۈندىن كېيىن، ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز قاتتىق يامغۇر ياغدۇرىمەن، _ دېدى.

5نۇھ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بىر-بىرلەپ ئىجرا قىلدى.

6توپان يەر يۈزىنى باسقاندا، نۇھ ئالتە يۈز ياشتا ئىدى. 7ئۇ توپان بالاسىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن، ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرىنى ئېلىپ كېمىگە چىقتى. 8-9«ھالال» ۋە «ھارام» دەپ بېكىتىلگەن ھەر خىل چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلارمۇ خۇدانىڭ نۇھقا ئېيتقىنىدەك نۇھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، جۈپلىرى بىلەن كېمىگە كىردى. 10يەتتە كۈندىن كېيىن، يەر يۈزىنى توپان بېسىشقا باشلىدى.

11نۇھ ئالتە يۈز ياشقا كىرگەن يىلى ئىككىنچى ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى، يەر ئاستىدىكى ھەممە بۇلاقلار يېرىلىپ، ئاسماندىن چېلەكلەپ قۇيغاندەك قاتتىق يامغۇر ياغدى. 12يامغۇر قىرىق كېچە-كۈندۈز توختىماي داۋاملاشتى. 13دەل يامغۇر باشلانغان كۈنى، نۇھ، ئايالى، سام، ھام، ياپەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلى ۋە كېلىنلىرى كېمىگە چىقتى. 14ھەر خىل ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىرى، ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۇچارقاناتلار، 15جۈملىدىن، تىنىقى بارلىكى پۈتكۈل مەخلۇقلار ئۆز جۈپلىرى بىلەن نۇھنىڭ ئالدىغا بىر جۈپتىن كېلىپ، كېمىگە چىقتى. 16ھايات كەچۈرۈۋاتقان بارلىق جانلىقلار خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئۆز جۈپلىرى بىلەن كېمىگە كىرگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار كېمىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ قويدى.

17يامغۇر قىرىق كۈن داۋاملاشتى. توپان ئۇلغايغانسېرى كېمە يەردىن كۆتۈرۈلدى. 18سۇ تېخىمۇ ئېگىزلەپ، كېمە سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالدى. 19توپان يەر يۈزىنى قاپلاپ، ھەتتا ئېگىز تاغ چوققىلىرىمۇ كۆرۈنمەي قالدى. 20سۇ ئۆرلەپ تاكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىلىرىدىن يەتتە مېتىر ئېگىزلەپ كەتكۈچە داۋاملاشتى. 21نەتىجىدە، يەر يۈزىدىكى ھايات كەچۈرۈۋاتقان پۈتكۈل جانلىقلار، يەنى ھەرقانداق ئۇچارقاناتلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئىنسانلار پۈتۈنلەي يوقىتىلدى. 22دېمەك، يەر يۈزىدىكى ھاياتلىق نەپىسى بار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. 23خۇدا يەر يۈزىدىكى ھەممە جانلىقلارنى، يەنى ئىنسانلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلارنى يوقاتتى. پەقەت نۇھ بىلەن ئۇنىڭ كېمىسىدىكى جانلىقلارلا ھايات قالدى. 24توپان يەر يۈزىنى بىر يۈز ئەللىك كۈن باستى.

1شۇنداق بولسىمۇ، خۇدا نۇھنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق ھايۋاناتلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ يەر يۈزىدە شامال چىقارغانىدى، سۇ پەسىيىشكە باشلىدى. 2يەر ئاستىدىكى بۇلاقلار يېپىلىپ، ئاسماندىن يېغىۋاتقان قاتتىق يامغۇرمۇ توختىغانىدى. 3بىر يۈز ئەللىك كۈن ئىچىدە سۇ ئاستا-ئاستا ئازايدى. 4يەتتىنچى ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى، كېمە ئارارات تاغ تىزمىلىرىدىكى بىر تاغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالدى. 5سۇ داۋاملىق پەسىيىپ، ئونىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تاغ چوققىلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى.

6قىرىق كۈندىن كېيىن، نۇھ دېرىزىنى ئېچىپ، 7بىر قاغىنى قويۇپ بەردى. بۇ قاغا تاكى يەردىكى سۇ قۇرۇپ كەتكۈچە، كېمىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈردى. 8شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇھ سۇنىڭ يەر يۈزىدىن يانغان ياكى يانمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، بىر كەپتەرنى قويۇپ بەرگەنىدى. 9لېكىن، يەر يۈزىنى تېخىچە سۇ قاپلاپ تۇرغاچقا، كەپتەر قونغۇدەك جاي تاپالماي قايتىپ كەلدى. نۇھ قولىنى سۇنۇپ، ئۇنى تۇتۇپ كېمىگە ئەكىرىۋالدى. 10يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن، ئۇ كەپتەرنى يەنە قويۇپ بەردى. 11كەچقۇرۇن، ھېلىقى كەپتەر تۇمشۇقىدا يېڭى زەيتۇن يوپۇرمىقىنى چىشلىگەن ھالدا نۇھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. نۇھ شۇنىڭدىن سۇنىڭ يەر يۈزىدىن ئاساسىي جەھەتتىن يانغانلىقىنى بىلدى. 12يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن، ئۇ كەپتەرنى يەنە قويۇپ بەردى. بۇ قېتىم كەپتەر قايتىپ كەلمىدى.

13نۇھ ئالتە يۈز بىر ياشقا كىرگەن يىلى بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، توپان يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يېنىپ بولدى. نۇھ كېمىنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ، ئۆپچۆرىسىگە قاراپ، يەر يۈزىنىڭ قۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆردى. 14ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى، يەر يۈزى پۈتۈنلەي قۇرۇپ بولدى.

15-16خۇدا نۇھقا:

_ ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى كېمىدىن ئېلىپ چىق. 17يېنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقلار، يەنى ئۇچارقاناتلار ۋە چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلارنى ئېلىپ چىق. ئۇلار يەر يۈزىدە يەنە كۆپىيىپ، زېمىنغا تارالسۇن، _ دېدى.

18شۇنىڭ بىلەن، نۇھ ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرىنى ئېلىپ كېمىدىن چىقتى. 19يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلار، يەنى چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلار ئۆز تۈرلىرى بىلەن توپ-توپ بولۇشۇپ كېمىدىن چىقىشتى.

20نۇھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، «ھالال» دەپ بېكىتىلگەن ھايۋانات ۋە ئۇچارقاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن تاللاپ سويۇپ، قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرۈۋەتتى. 21پەرۋەردىگار قۇربانلىقتىن مەمنۇن بولۇپ، كۆڭلىدە: «ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن يەرگە قايتا لەنەت ئوقۇمايمەن. ئىنسانلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ نىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي يامانلىقىنى بىلىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنى ھەرگىز بۇ قېتىمقىدەك قايتا يوقىتىۋەتمەيمەن. 22يەر يۈزى بىر كۈن مەۋجۇت بولسا، ئۇنىڭدا تېرىم-يىغىم، ئىسسىق-سوغۇق، قىش-ياز، كېچە-كۈندۈزمۇ مەۋجۇت بولىدۇ!» دېدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى