زاكات

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 14- باب

18ئۇلۇغ خۇدانىڭ روھانىيسى ھەم سالېمنىڭ بېگى مالكىسىدىقمۇ نان ۋە شاراب ئېلىپ، ئىبرامنىڭ ئالدىغا چىقىپ، 19ئۇنىڭغا بەخت تىلەپ:

«پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئۇلۇغ خۇدا ئىبرامنى بەختلىك قىلغاي!

20سېنى دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرغان ئۇلۇغ خۇدا مەدھىيىلەنگەي!» دېدى.

ئىبرام غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى مالكىسىدىققا تەقدىم قىلدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 28- باب

20ئاندىن ئۇ خۇداغا قەسەم قىلىپ:

_ ئەگەر سەن ماڭا يار بولۇپ، سەپىرىمدە مېنى قوغداپ، ماڭا يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك يەتكۈزۈپ بېرىپ، 21مېنى يۇرتۇمغا ئامان-ئېسەن قايتۇرساڭ، شۇ ۋاقىتتا ساڭا مەڭگۈ ئەگىشىمەن. 22مەن خاتىرە قىلىپ تاش تىكلەپ قويغان بۇ جاي ئىنسانلار ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس جاي بولسۇن. ماڭا بېغىشلىغانلىرىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن، _ دېدى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 23- باب

19ھەر يىلى تۇنجى پىشقان زىرائەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىدىن مېنىڭ خانامغا ئەكىرىپ، ماڭا _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتا.

ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرما. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 3- باب

9ئۇلۇغلا پەرۋەردىگارنى، ئاتاپ مال-دۇنيايىڭنى،

ھەدىيە قىلىپ ئۇنىڭغا ھوسۇلۇڭنىڭ باش بۇرنىنى.

10شۇندا تولۇپ تاشار ئامبارلىرىڭ ئاشلىققا،

شاراب ئىدىشلىرىڭ يېڭى شارابقا. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 23- باب

23ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ھەتتا يالپۇز، ئارپىبەدىيان ۋە زىرىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇداغا ئاتايسىلەريۇ، بىراق تەۋرات قانۇنىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم تەرەپلىرى بولغان ھەققانىيلىق، رەھىمدىللىك ۋە سادىقلىققا سەل قارايسىلەر. ئالدى بىلەن بۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك. باشقا ئىشلارغا كەلسەك، ئۇلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. 24ئەي قارىغۇ يولباشچىلار! سىلەر چىنەڭلەرگە چۈشكەن كىچىككىنە پاشىنىمۇ سۈزۈپ ئېلىۋېتىسىلەر، لېكىن بىرەر تۆگىنى پۈتۈن پېتى يۇتۇۋېتىسلەر! [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 16- باب

1خېتىڭلاردا يازغان يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارغا بېرىلىدىغان ئىئانە ئىشىغا كەلسەك، سىلەرمۇ گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتچىلىكلەرگە ئېيتقىنىمدەك قىلىڭلار. 2ھەر يەكشەنبە كۈنى، ھەربىرىڭلار ھەپتىلىك تاپاۋىتىڭلارغا قاراپ، ئۇنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىئانىگە ئاجرىتىپ توپلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا پۇل توپلىنىپ بولغان بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 7- باب

1مالكىسىدىق سالىم شەھىرىنىڭ پادىشاھى ھەم ئۇلۇغ خۇدانىڭ روھانىيسى بولۇپ، ئىبراھىم بىرقانچە پادىشاھنى يېڭىپ جەڭدىن قايتقان چاغدا، ئۇ ئىبراھىم بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭغا بەخت تىلىگەنىدى. 2ئىبراھىممۇ ئېرىشكەن ئولجىسىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۇنىڭغا ئاتىغانىدى. مالكىسىدىق دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى «ھەققانىيەت پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر. ئۇ سالىم شەھىرىنىڭ پادىشاھى بولۇپ، «سالىم پادىشاھى» دېگەننىڭ مەنىسى «ئامانلىق پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى