يېتىم-يېسىرلار

« زەبۇر » 27- مۇناجات

8«ئى پەرۋەردىگار، تەلپۈنىمەن پەقەت ساڭا»

دېدىم مەن، دېگىنىڭدە «تەلپۈنگىن ماڭا».

9قاچۇرمىغىن مېنىڭدىن دىدارىڭنى،

تاشلىمىغىن غەزىپىڭدە مەن قۇلۇڭنى.

بولۇپ كەلدىڭ ئى خۇدا، مەدەتكارىم،

تەرك ئەتمە، تاشلىما مېنى، نىجاتكارىم.

10ۋاز كەچسىمۇ مېنىڭدىن ئاتا-ئانام،

ئۆز قوينىغا ئالار مېنى پەرۋەردىگارىم. [داۋامى]

« زەبۇر » 10- مۇناجات

12ئۆتۈنەي ئى خۇدا، جازالىغايسەن يامانلارنى،

ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتۇمىغايسەن بىچارىلەرنى.

13نېچۈن يامانلار كۆزگە ئىلماس ئى خۇدا سېنى،

نېچۈن كۆڭۈللىرىدە دەر: «جازالىمايدۇ خۇدا مېنى.»

14بىلىمىز، كۆرۈپ تۇرىسەن بۇلارنى،

ئۇلارنىڭ زەھەرخەندە، زۇلۇملىرىغا.

تاشلاپ تۇرۇۋاتىسەن نەزىرىڭنى،

ئالىسەن يامانلارنى ھامان ئالىقىنىڭغا.

پاناھسىزلار ئۆزلىرىنى تاپشۇرار ساڭا،

ياردەم قىلغۇچىسەن يېتىم-يېسىرلارغا. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 22- باب

22تۇل خوتۇن، يېتىم بالىلارنى خورلىما. 23ئەگەر سەن ئۇلارنى خورلىساڭ، ئۇلار ماڭا نالە قىلىپ ياردەم تىلىسە، مەن ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، 24دەرغەزىپىم بىلەن سېنى قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىپ، خوتۇنۇڭنى تۇل، پەرزەنتلىرىڭنى يېتىم قالدۇرىمەن. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 1- باب

17ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار،

ئادىللىقنى ئىزدەڭلار،

زۇلۇم سالغۇچىلارنى ئەدەپلەڭلار،

يېتىم-يېسىرلەرنى قوغداڭلار،

تۇل ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار.» [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 1- باب

27خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل خوتۇنلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن ساقلاشتۇر. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى