رىبەقا~ ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 24- باب

15ئۇنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، رىبەقا كومزىكىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، قۇدۇقنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ بېتۇئېلنىڭ قىزى ئىدى. بېتۇئېل بولسا ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناخور بىلەن ئۇنىڭ ئايالى مىلكاھنىڭ ئوغلىدۇر. 16رىبەقا تېخى يۈزى ئېچىلمىغان، ئىنتايىن چىرايلىق، پاك قىز ئىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، كومزىكىگە سۇ تارتىپ چىقتى. 17ئىبراھىمنىڭ چاكىرى قىزنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن:

_ ماڭا سۈيىڭىزدىن ئازراق بەرسىڭىزچۇ، _ دەپ سورىدى.

18قىز ئۇنىڭغا:

_ مانا، ئىچىڭ، _ دەپلا، دەرھال مۈرىسىدىكى كومزەكنى قولىغا ئېلىپ، ھېلىقى چاكارغا بەردى. 19چاكار سۇنى ئىچىپ بولۇشىغا، رىبەقا ئۇنىڭغا:

_ تۆگىلىرىڭىزگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بېرەي، ئۇلارمۇ ئىچىپ قانسۇن، _ دېدى.

20رىبەقا دەرھال كومزەكتىكى سۇنى ئوقۇرغا قۇيغاندىن كېيىن، يەنە يۈگۈرۈپ بېرىپ قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ كېلىپ، ھەممە تۆگىلەرنى قانغۇدەك سۇغىرىپ بەردى.

21چاكار پەرۋەردىگار يولىنى ئوچۇق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، جىمجىت كۆزىتىپ تۇردى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 25- باب

19ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە:

20ئىسھاق قىرىق يېشىدا رىبەقاغا ئۆيلەندى. رىبەقا بولسا پاددان-ئاررامنىڭ ئارران دېگەن يېرىدىن بولغان بېتۇئېلنىڭ قىزى ۋە لاباننىڭ سىڭلىسى ئىدى. 21رىبەقا پەرزەنت كۆرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئىسھاق ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، رىبەقا ھامىلىدار بولدى. 22بالا قوشكېزەك بولۇپ، ئۇلار تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئانىسىنىڭ قورسىقىدا قاتتىق سوقۇشتى. رىبەقا: «ماڭا نېمە بولغىنى؟» دەپ پەرۋەردىگاردىن سورىدى.

23پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«سېنىڭ قورسىقىڭدىن ئىككى خەلق چىقىدۇ.

تۇغۇلۇپلا ئايرىم بولىدۇ.

بىرى يەنە بىرىدىن كۈچلۈك بولۇپ،

چوڭى كىچىكىگە خىزمەت قىلىدۇ.» [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 26- باب

6شۇنىڭ بىلەن، ئىسھاق گىراردا تۇرۇپ قالدى. 7ئۇنىڭ ئايالى رىبەقا ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئايالى رىبەقانى كىم دەپ سورىسا، ئۇ ئۇنى ئۆز سىڭلىم، دېدى. چۈنكى، ئۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، رىبەقانى ئېلىپ كېتىشىدىن قورقاتتى.

8ئىسھاق ئۇ يەردە بىرمەزگىل تۇردى. بىر كۈنى، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراۋاتقاندا، ئىسھاقنىڭ رىبەقا بىلەن قۇچاقلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.

9پادىشاھ ئابىمەلەك ئىسھاقنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن:

_ ئۇ سېنىڭ ئايالىڭ ئىكەن، نېمە ئۈچۈن ئۇنى سىڭلىم دېگەنىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

ئىسھاق جاۋاب بېرىپ:

_ ئەگەر مەن ئۇنى ئايالىم دېگەن بولسام، ئۇنى ئېلىش ئۈچۈن سىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلاردىن قورققانىدىم، _ دېدى.

10ئابىمەلەك ئۇنىڭغا:

_ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ئەگەر خەلقىم ئىچىدە بىرى سېنىڭ ئايالىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتقان بولسا، سەن پۈتۈن خەلقىمىزنى گۇناھقا تىققان بولاتتىڭ! _ دېدى.

11ئاندىن، پادىشاھ ئابىمەلەك ئۆز خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ:

_ كىمدەكىم بۇ كىشىگە ياكى ئايالىغا چېقىلسا، جېنىدىن جۇدا قىلىنىدۇ، _ دېدى.

12ئىسھاق ئۇ يەردە دېھقانچىلىق قىلاتتى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بەرىكەت بەرگەچكە، ئۇ يىلى بىرگە يۈز ھەسسە ھوسۇل ئالدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 27- باب

1ئىسھاق قېرىپ كەتتى، كۆزىمۇ كۆرمەس بولۇپ قالدى. ئۇ تۇنجى ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئوغلۇم، _ دېدى.

_ مانا مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئەساۋ.

2ئىسھاق مۇنداق دېدى:

_ قارا، مەن قېرىپ كەتتىم، ئۆلۈمۈم يىراق ئەمەس. 3سەن ئوقيايىڭنى ئېلىپ، دالاغا چىقىپ ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، 4مەن ياخشى كۆرىدىغان لەززەتلىك تاماق پىشۇرۇپ ماڭا يېگۈز. شۇنىڭ بىلەن، مەن ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ساڭا ئاخىرقى خەيرلىك دۇئايىمنى قىلاي.

5رىبەقا ئىسھاقنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئەساۋنىڭ ئوۋغا چىقىپ كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، 6ياقۇپقا مۇنداق دېدى:

_ مەن بايا داداڭنىڭ ئاكاڭ ئەساۋغا: 7«سەن ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، لەززەتلىك تاماق پىشۇرۇپ ماڭا يېگۈز. شۇنىڭ بىلەن، مەن ئۆلۈشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگار ئالدىدا ساڭا خەيرلىك دۇئا قىلاي» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. 8ئوغلۇم، گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ دېگىنىمنى قىل. 9قوي پادىسىغا بېرىپ، سېمىز ئوغلاقتىن ئىككىنى ئېلىپ كەل. مەن ئۇنى داداڭ ياخشى كۆرىدىغان تەمدە پىشۇراي. 10سەن ئەكىرىپ يېگۈزسەڭ، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ساڭا خەيرلىك دۇئا قىلىدۇ، _ دېدى.

11لېكىن، ياقۇپ ئانىسىغا:

_ سىزگە مەلۇم، ئەساۋنىڭ پۈتۈن بەدىنى تۈكلۈك، مېنىڭ تېنىم بولسا تۈكسىز. 12مۇبادا دادام تېنىمنى تۇتۇپ قالسا، مېنىڭ ئۇنى ئالدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا، ئۇنىڭ خەيرلىك دۇئاسىنى ئېلىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە قارغىشىغا ئۇچرايمەن! _ دېدى.

13ئانىسى ئۇنىڭغا:

_ ئەي ئوغلۇم، لەنەت بولسا ماڭا بولسۇن! مېنىڭ دېگىنىمنى قىل. ئوغلاقلارنى ئېلىپ كەل، _ دېدى.

14شۇنىڭ بىلەن، ياقۇپ ئوغلاقلارنى ئەكېلىپ، ئانىسىغا تاپشۇردى. ئانىسى تاماقنى دادىسى ياخشى كۆرىدىغان تەم بىلەن پىشۇردى. 15ئاندىن، ئەساۋنىڭ ئۆيدە ساقلىغان ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى ئاچىقىپ، ياقۇپقا كىيدۈردى. 16ئۇنىڭ ئىككى قولى ۋە بوينىنىڭ تۈكسىز جايلىرىنى ئۆچكە يۇڭى بىلەن يۆگەپ، [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 9- باب

10بۇنىڭدىن باشقا، رىبەقا ئەجدادىمىز ئىسھاقتىن قوشكېزەكگە ھامىلىدار بولغاندا، 11-12خۇدا ئۇنىڭغا: «چوڭى كىچىكىگە خىزمەت قىلىدۇ» دېگەنىدى. چۈنكى، بىر ئاتىدىن بولغان بۇ قوشكېزەكلەر، يەنى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ تېخى تۇغۇلمىغان، دېمەك ئۇلار بىرەر ياخشى ياكى يامان ئىشمۇ قىلماستا، خۇدا ئاللىقاچان ئۇلاردىن بىرنى تاللىغانىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، خۇدانىڭ ئادەملەرنى تاللىشى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىيىتىگە ئەمەس، پەقەت ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە، يەنى ئۆز چاقىرىقىغا ئاساسلانغان. 13بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياقۇپنى تاللىدىم، ئەساۋنى رەت قىلدىم» دەپ يېزىلغىنىدەك. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى