« ياقۇپ يازغان خەت »

2

ئايرىمىچىلىق قىلماسلىق

1قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئۇلۇغ رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانىكەنسىلەر، باشقىلارغا ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىماڭلار. 2سىلەرنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان يىغىلىشىڭلارغا پۇزۇر كىيىنىۋالغان بىر باي ۋە جۇل-جۇل كىيىنىۋالغان بىر كەمبەغەل كەلسە، 3سىلەر باي كىشىگە «تۆرگە چىقسىلا!»، كەمبەغەلگە، «ئۇ يەردە تۇر!» ياكى «تۆۋەندە ئولتۇر!» دېسەڭلار، 4سىلەرنىڭ بۇنداق ئوخشىمايدىغان مۇئامىلەڭلار نىيىتىڭلارنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەمدۇ؟

5قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقاد جەھەتتە باي قىلىش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تاللىدى. 6بىراق، سىلەر كەمبەغەللەرنى خارلىدىڭلار! سىلەرنى ئەزگەن ۋە سوتقا سۆرىگەنلەر ئەمەلىيەتتە بايلار ئەمەسمۇ؟ 7سىلەر مەنسۇپ بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئالىيجاناب نامىغا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلار يەنە شۇ بايلار ئەمەسمۇ؟

8مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن ئەمرگە، يەنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بۇ قانۇنىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. 9لېكىن، باشقىلارغا ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، سىلەر خۇدانىڭ ئاشۇ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدىڭلار. 10ئەگەر بىر كىشى خۇدانىڭ پۈتۈن قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى بىرەر پەرمانغا خىلاپلىق قىلىپ قالسا، ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئادەمگە ئوخشاش گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. 11خۇدا: «زىنا قىلما» دېگەن ھەم «قاتىللىق قىلما»مۇ دېگەن. شۇڭا، ئەگەر سىلەر زىنا قىلمىساڭلارمۇ، لېكىن قاتىللىق قىلغان بولساڭلار، يەنىلا پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بىلەن تەڭ بولىسىلەر. 12سىلەر سىلەرنى گۇناھ قىلىشتىن ئەركىن قىلىدىغان قانۇن بويىچە سوراق قىلىنىسىلەر. شۇڭا، سۆز-ھەرىكىتىڭلار بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن بولسۇن. 13چۈنكى، سىلەر باشقىلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، سوراق قىلىنغاندا خۇدا سىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايدۇ. باشقىلارغا رەھىم قىلغان بولساڭلار، خۇدانىڭ جازاسىغا ئەمەس، رەھىم قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىلەر.

ئېتىقاد ۋە ئەمەلىيەت

14قېرىنداشلىرىم! ئەگەر بىر كىشى ئاغزىدا، «مەن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتمىسە، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ ئۇ بۇنداق ئېتىقاد بىلەن قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشەلەمدۇ؟ 15-16ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى ئاچ-يالىڭاچ قالسا، ئۇنىڭغا: «خۇدا قورسىقىڭنى توق، كىيىمىڭنى پۈتۈن قىلسۇن، ئامان بول!» دەپ قويۇپلا، ھاجىتىدىن چىقمىساڭلار، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ 17شۇڭا، پەقەت ئېتىقادلا بولۇپ، ئۆز ئېتىقادىغا ماس كېلىدىغان ئەمەلىيىتى بولمىسا، بۇنداق ئېتىقادنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر.

18لېكىن، بەزىلەر: «مەندە ئېتىقاد بولسىلا بولدى» دېسە، بەزىلەر: «ئېتىقاد بىلەن ئەمەلىيەت بىرگە بولۇشى كېرەك» دەپ ئۆزئارا تالىشىشى مۇمكىن. مەن ئاشۇ «مەندە ئېتىقاد بولسىلا بولدى» دېگۈچىلەرگە: «ئەگەر سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭ بولمىسا، ئۆز ئېتىقادىڭنى نامايان قىلالمايسەن. بىراق، مەن ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق ئۆز ئېتىقادىمنى نامايان قىلالايمەن» دەپ جاۋاب بېرىمەن. 19سەن خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەڭلا كۇپايە قىلامدۇ؟ خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ھەتتا جىنلارمۇ ئىشىنىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇ. 20ئەي نادان! ئەمەلىيىتى يوق ئېتىقادنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى قاچانمۇ بىلەرسەن؟ 21خۇدانىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ئەجدادىمىز ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق قىلماقچى بولغان ۋە بۇ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟ 22دېمەك، ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى ئۇنىڭ ئېتىقادىغا ماس كەلگەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئېتىقادى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تولۇقلاندى. 23بۇنىڭ بىلەن، تەۋراتتا ئېيتىلغان: «ئىبراھىم خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. خۇدا ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى» دېگەن سۆز ئىسپاتلاندى ۋە ئىبراھىم خۇدانىڭ دوستى، دەپ ئاتالدى. 24بىز بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇدا ئېتىقادىلا بولۇپ ئەمەلىيىتى بولمىغان ئادەمنى ئەمەس، بەلكى ئېتىقادى بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتى بىردەك بولغان ئادەمنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. 25بۇ توغرۇلۇق يەنە بىر مىسال بار. پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە يوشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ باشقا يول بىلەن قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟ 26روھى يوق تەن ئۆلۈك بولغىنىدەك، ئەمەلىيىتى يوق ئېتىقادمۇ ئۆلۈكتۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى