« مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى لاۋىي دەپمۇ ئاتالغان مەتتا بولۇپ، ئۇ بۇرۇن باجگىر ئىدى. كېيىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان.

مەتتانىڭ بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىتى، يەھۇدىي كىتابخانلارغا ئۇلار ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى كۈتۈپ كېلىۋاتقان پادىشاھ، يەنى مۇقەددەس يازمىلاردا تىلغا ئېلىنغان قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنىڭ دەل ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر.

مەتتا مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن بېرىلگەن بېشارەتلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇغۇلۇشى، مۆجىزىلىرى، ھاياتى، ئۆلۈمى ۋە ئۆلۈمدىن تىرىلىشىنى تەۋراتتىكى قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھكە قارىتىلغان نەقىللەر بىلەن تەسۋىرلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇئەللىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەمسىللەر بىلەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە كۆپ تەلىم بەرگەنلىكىنى ۋە خۇدانىڭ قانۇنىنى توغرا چۈشەندۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

تېزىس:

  1. ھەزرىتى ئەيسانىڭ نەسەبنامىسى ۋە دۇنياغا كېلىشى (1-، 2-بابلار)
  2. ھەزرىتى ئەيسانىڭ خىزمىتى باشلىنىش ئالدىدا (3-بابتىن 4-باب 11-ئايەتكىچە)
  3. ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەلىلىيىدىكى خىزمىتى (4-باب 12-ئايەتتىن 18-بابنىڭ ئاخىرىغىچە)
  4. ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەلىلىيىدىن يېرۇسالېمغا سەپىرى (19-، 20-بابلار)
  5. ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى (21-بابتىن 27-بابقىچە)
  6. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى (28-باب)

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى