« لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر »

2

ھەزرىتى ئەيسانىڭ دۇنياغا كېلىشى

1يەھيا پەيغەمبەر تۇغۇلغان كۈنلەردە، رىم ئىمپېراتورى ئاۋغۇستۇس رىم ئىمپېرىيىسىدىكى بارلىق خەلققە نوپۇس تىزىملاش بۇيرۇقى چۈشۈردى. 2تۇنجى قېتىملىق بۇ نوپۇس تىزىملاش، كىرىنىينىڭ سۈرىيە ئۆلكىسىگە ۋالىي بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى. 3چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇق بويىچە، ھەممە ئادەم نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشتى.

4شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان يۈسۈپمۇ جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسىرە شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىغا كەتتى. 5ئۇ بولغۇسى ئايالى مەريەمنىمۇ تىزىملىنىشقا بىللە ئېلىپ باردى. مەريەم بولسا ھامىلىدار ئىدى. 6ئۇلار بەيتلەھەم يېزىسىدا تۇرغان ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالدى. 7بىراق، سارايلاردا ئۇلارغا ئۆي چىقمىغاچقا، بىر ئاتخانىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغۇپ، زاكىلاپ، ئاتنىڭ ئوقۇرىغا ياتقۇزدى.

پەرىشتىلەرنىڭ پادىچىلارغا كۆرۈنۈشى

8بەيتلەھەم يېزىسىنىڭ سەھرالىرىدا بەزى پادىچىلار دالادا تۈنەپ، پادىلىرىغا قارايتتى. 9شۇ كۈنى، ئۇلارغا خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ئۇلار ئىنتايىن قورقۇپ كەتتى. 10بىراق، پەرىشتە ئۇلارغا:

_ قورقماڭلار! مەن سىلەرگە پۈتۈن خەلقنى خۇشال قىلىدىغان بىر خۇش خەۋەرنى يەتكۈزىمەن. 11بۈگۈن پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىدا رەببىڭلار بولغان قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ* دۇنياغا كەلدى! 12«ئۇنى قانداق تونۇيالايمىز؟» دەپ سورىساڭلار، ئۇ يەرگە بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئاتنىڭ ئوقۇرىغا ياتقۇزۇلغان زاكىلاقلىق بىر بوۋاقنى كۆرىسىلەر. بۇ سىلەرگە بېرىلگەن بەلگىدۇر، _ دېدى.

13بىردىنلا، ھېلىقى پەرىشتىنىڭ ئەتراپىدا باشقا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەر پەيدا بولۇپ، خۇدانى مەدھىيىلەپ:

14«ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شان-شەرەپلەر بولسۇن!

ئۇنىڭ يەر يۈزىدە يېقىن كۆرگەن بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن!» دېيىشتى.

15پەرىشتىلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، پادىچىلار بىر-بىرىگە:

_ بەيتلەھەم يېزىسىغا بېرىپ، خۇدا بىزگە ئۇقتۇرغان بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ كېلەيلى، _ دېيىشتى.

16ئۇلار دەرھال بەيتلەھەمگە بېرىپ، مەريەم بىلەن يۈسۈپنى تېپىپ، ئوقۇردا ياتقان بوۋاقنى كۆردى. 17پادىچىلار ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، پەرىشتە ئېيتقان بوۋاق ھەققىدىكى سۆزلەرنى كىشىلەرگە يەتكۈزدى. 18بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى پادىچىلارنىڭ دېگەنلىرىگە ھەيران قېلىشتى. 19مەريەم بولسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە ساقلاپ، چوڭقۇر ئويلىدى. 20پادىچىلار قايتىشىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى. چۈنكى، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى پەرىشتىنىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىققانىدى.

ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى خۇداغا ئاتىشى

21بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى، ئۇنىڭ خەتنىسى قىلىندى ۋە ئەيسا دەپ ئىسىم قويۇلدى. بۇ، پەرىشتە ئۇ تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا پەيدا بولمىغان ۋاقىتتىلا قويغان ئىسىم ئىدى.

22-23مەريەمنىڭ قىرىقى توشقاندا، خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بەرگەن ئەمرىدىكى «تۇنجى ئوغۇل خۇداغا مەنسۇپ» دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يۈسۈپ بىلەن مەريەم بالىنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى. 24ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ تەۋراتتىكى ئەمرى بويىچە، بىر ئايالنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن تازىلىنىشى ئۈچۈن، بىر جۈپ پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسى ئىبادەتخانىدا روھانىيلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشىغا ئاپىرىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى.*

25شۇ چاغلاردا، يېرۇسالېمدا شىمون ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەن بولۇپ، خۇداغا ئىخلاسمەن، دۇرۇس بۇ ئادەم خۇدانىڭ ئىسرائىللارغا تەسەللى بېرىدىغان قۇتقۇزغۇچىنى ئەۋەتىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنىدى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭغا يار ئىدى. 26ئۇ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ۋەھىيدىن ئۆزىنىڭ ھايات ۋاقتىدا پەرۋەردىگار تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. 27يۈسۈپ بىلەن مەريەم ئىبادەتخانىغا بارغان كۈنى، مۇقەددەس روھ شىموننىمۇ ئىبادەتخانىغا باشلاپ باردى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاتا-ئانىسى بالىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ، تەۋراتتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى ئادا قىلماقچى بولۇۋاتقاندا، 28شىمون ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ، خۇداغا مۇنداق مەدھىيە ئوقۇدى:

29«ئى ئىگەم، سۆزۈڭدە تۇرۇپسەن.

ئەمدى بۇ ئالەمدىن كەتسەم، رازىمەن.

30چۈنكى، دېگىنىڭدەك ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم

31پۈتۈن ئىنسانلارغا ھازىرلىغان قۇتقۇزغۇچىڭنى.

32ئۇ سېنىڭ كىملىكىڭنى پۈتۈن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بىلدۈرىدىغان نۇردۇر،

خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ شان-شەرىپىدۇر!»

33بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى شىموننىڭ بالا ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا ھەيران قېلىشتى. 34شىمون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، مەريەمگە مۇنداق دېدى:

_ مانا! بۇ بالا خۇدا تەرىپىدىن ئىسرائىلىيىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھالاك بولۇشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن تەيىنلەندى. گەرچە ئۇ خۇدانىڭ بېشارىتى بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ھاقارەتلەپ رەت قىلىدۇ. 35شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى مەخپىي غەرەزلەر ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇنىڭ رەت قىلىنىشى بىلەن، سېنىڭ يۈرىكىڭگە ئۆتكۈر بىر قىلىچ سانجىلغاندەك، قەلبىڭ قايغۇدىن ئۆرتىنىدۇ.

36ئىبادەتخانىدا ئاشېر قەبىلىسىدىن بولغان پانۇئىلنىڭ قىزى ھاننا ئىسىملىك ياشانغان بىر ئايال پەيغەمبەرمۇ بار بولۇپ، ئۇ توي قىلىپ، ئېرى بىلەن يەتتە يىل بىللە ياشاپ، 37كېيىن تۇل قالغانىدى. ئۇ سەكسەن تۆت ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن چىقماي، روزا تۇتۇپ، كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. 38شىمون گېپىنى تۈگىتىشى بىلەن، ھاننا يېتىپ كېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى، ھەمدە ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى كۈتۈۋاتقان بارلىق خالايىققا بالا توغرىسىدا سۆز قىلدى.

39يۈسۈپ بىلەن مەريەم تەۋراتتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ئۆز يۇرتى ناسىرە شەھىرىگە قايتتى. 40ھەزرىتى ئەيسا چوڭ بولغانسېرى ساغلام ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇپ يېتىشتى. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ ئۇنىڭغا يار بولۇپ كەلدى.

ياش ئەيسا ئىبادەتخانىدا

41ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا* يېرۇسالېمغا باراتتى. 42ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇلار ئۇنى ئېلىپ، ئادىتى بويىچە يېرۇسالېمغا يەنە باردى. 43ھېيت تۈگىگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى، ھەزرىتى ئەيسا بولسا يېرۇسالېمدا قالدى. بۇ ئىشتىن ئاتا-ئانىسىنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى، 44چۈنكى ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە كېلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. بىر كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، ئۇلار تۇغقان-بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدى. 45ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن، كەينىگە يېنىپ يېرۇسالېمغا بېرىپ ئىزدىدى.

46ئۈچىنچى كۈنى، ھەزرىتى ئەيسانى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلاردىن سوئال سوراۋاتقاننىڭ ئۆزىدە تاپتى. 47ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەقلىگە ۋە بەرگەن جاۋابلىرىغا ھەيران قېلىشتى. 48ئاتا-ئانىسىمۇ بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قېلىشتى، بىراق ئانىسى ئۇنىڭغا:

_ ۋاي بالام! نېمىشقا بىزگە ئۇقتۇرماي قېلىپ قالدىڭ؟ داداڭ ئىككىمىز سەندىن بەك ئەنسىرەپ، ئىزدىمىگەن يېرىمىز قالمىدى! _ دېدى.

49_ ئىزدەشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئەجەبا، سىلەر مېنىڭ چوقۇم ئاتامنىڭ ئۆيىدە بولىدىغانلىقىمنى بىلمەمتىڭلار؟ _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا. 50لېكىن، ئۇلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىدى.

51ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن ناسىرە شەھىرىگە قايتتى. ئۇ ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىگە كىرەتتى. ئانىسى يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە چىڭ ساقلىدى. 52شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بوي-تۇرقى ۋە ئەقىل-پاراسىتى يېتىلىپ، خۇدانىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان بولدى.



*11مەسىھ _ پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان، خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان، ھامان بىر كۈنى كېلىپ مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ.

*24تەۋراتتا ئېيتىلىشىچە، بىر ئايال بالا تۇغقاندىن كېيىن، دىنىي جەھەتتە ناپاك، دەپ قارىلىدۇ. تۇغۇپ قىرىق كۈن توشقاندا، قۇربانلىق قىلىپ، قايتا «پاك» ھالەتكە كېلىدۇ.

*41ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى _ بۇ يەھۇدىيلارنىڭ مىسىردىكى قۇللۇق ھاياتىدىن قۇتۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ھېيتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى