« ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت »

4

خۇدانىڭ ئاراملىقى ھەققىدىكى ۋەدە

1بىراق، خۇدانىڭ ئاراملىقىدىن بەھرىمەن بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسى بىز ئۈچۈن ئىناۋەتلىكتۇر. شۇڭا، ئارىمىزدىكى بىرەرسىنىڭمۇ چۈشۈپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلايلى. 2خۇدانىڭ ئاراملىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر خۇددى چۆلدىكى ئىسرائىللارغا ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئاڭلىغانلىرى ئېتىقادى بىلەن يۇغۇرۇلمىغانلىقتىن، ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانىدى. 3بىز ئېتىقادچىلار بۇ ئاراملىقتىن بەھرىمەن بولالايمىز. لېكىن، ئىشەنمىگەنلەرگە كەلسەك، دەل خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك:

«شۇڭا، غەزەپلەنگىنىمدە قەسەم قىلغىنىمدەك،

ئۇلار ئاراملىقىمدىن ھەرگىز بەھرىمەن بولالمايدۇ.»

خۇدا دۇنيانى ياراتقاندىلا، ھەممە ئىشنى تاماملىغانىدى. 4چۈنكى، يارىتىلىشنىڭ يەتتىنچى كۈنى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر ئايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يەتتىنچى كۈنى كەلگەندە، خۇدا يارىتىش ئىشىنى تاماملاپ ئارام ئالدى.» دېمەك، خۇدانىڭ ئاراملىقى ئاللىبۇرۇن مەۋجۇت ئىدى. 5بىراق، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك خۇدا: «ئۇلار ئاراملىقىمدىن ھەرگىز بەھرىمەن بولالمايدۇ» دېگەن.

6بۇنىڭدىن بىلىمىزكى، خۇدانىڭ ئاراملىقى توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى ئاۋۋال ئاڭلىغانلار خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاراملىقتىن بەھرىمەن بولالمىدى. لېكىن، بۇ ئاراملىقتىن چوقۇم بەھرىمەن بولالايدىغانلار بار. 7شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئەنە شۇ ئاراملىقتىن بەھرىمەن بولالايدىغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن مەلۇم بىر كۈننى «بۈگۈن» دەپ بېكىتىپ، بۇرۇن ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلەرنى داۋۇت پادىشاھ ئارقىلىق زەبۇردا يەنە ئېيتقان:

«بۈگۈن خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا،

جاھىللىق قىلماڭلار.»

8ئەگەر خۇدانىڭ ئاراملىقى ئەجدادىمىز يوشۇۋا* ئىسرائىللارنى خۇدا بېرىشكە ۋەدە قىلغان كەنئان زېمىنىغا باشلاپ كىرگەندىكى ئاراملىق بولسىدى، خۇدا كېيىن يەنە ئاراملىق ھەققىدە توختىلىپ، «بۈگۈن» دېمىگەن بولاتتى. 9قىسقىسى، خۇدانىڭ يەتتىنچى كۈنىدىكى ئاراملىقى خۇدانىڭ ئۆز بەندىلىرىنى كۈتۈۋاتىدۇ.

10خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرگۈچىلەر خۇددى خۇدا دۇنيانى يارىتىش ئىشىدىن ئارام ئالغاندەك، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ئارام ئالىدۇ. 11شۇڭا، خۇداغا ئەنە شۇ ئىسرائىللاردەك ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، يىقىلىپ چۈشمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ھەربىرىمىز بۇ ئاراملىقتىن بەھرىمەن بولۇشقا تىرىشايلى.

12خۇدانىڭ سۆزى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان ئۈنۈملۈك سۆزدۇر. ئۇ ھەرقانداق قوش بىسلىق قىلىچتىنمۇ ئىتتىك بولۇپ، جان بىلەن روھنى، يىلىك بىلەن بوغۇملارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەلىگۈدەك ئۆتكۈرلۈك بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئارزۇ-ھەۋەس ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى پاش قىلىدۇ. 13خۇدادىن يوشۇرۇنالايدىغان ھېچقانداق مەۋجۇدات يوقتۇر. بىز ھېساب بېرىدىغان خۇدا ئالدىدا ھەممە نەرسە ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.

باش روھانىيىمىز ئەيسا مەسىھ

14خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىزنىڭ ئەرشكە چىقىپ كەتكەن ئۇلۇغ باش روھانىيىمىز بولغاچقا، ئېتىراپ قىلغان ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرايلى. 15چۈنكى، بىزنىڭ بۇ باش روھانىيىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلماي قالمايدۇ. ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغاندۇر. 16شۇڭا، يۈرىكىمىز توق ھالدا مېھىر-شەپقەتلىك خۇدانىڭ تەختىگە يېقىنلىشايلى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشىپ، ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا ياردەمگە ئىگە بولالايمىز.



*8يوشۇۋا مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئىزباسارى بولۇپ، ئۇ ئىسرائىل خەلقىنى خۇدا ۋەدە بەرگەن زېمىنغا باشلاپ بارغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى